خىتاي دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان 8-قۇرۇلتاينى توسۇپ قېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.10.24
duq-8-echilish-03 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Ekrem

د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۈگۈن بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. ئەمما قۇرۇلتاي ھارپىسىدا خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلتاينى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان پاراكەندىچىلىكلىرى ئاز بولمىغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانى سارايېۋودىن تۇتۇپ كېتىش، ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىتىش تەھدىتلىرى، يىغىننى بۇزۇش، يالغان ئېلخەتلەر ئارقىلىق ۋەكىللەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ۋەكىللەرگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى دۇنيا جامائىتىنىڭ 8-قۇرۇلتايغا بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ ئۆزىگە تارتقانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Ekrem

 «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «د ئۇ ق سارايېۋودىكى يىغىنىنى باشلاش ھارپىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەھدىتكە دۇچ كەلدى» ناملىق زور ھەجىملىك خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى بوسنىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇرۇلتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان. خىتاي خادىملىرى يەنە ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشقان مېھمانخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئالدىن زاكاز قىلغان ياتاقلارنى بىكار قىلىش ئۈچۈن مېھمانخانا خادىملىرىغا پارا بەرگەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاينىڭ بوسنىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى مياۋ داكې بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ خەۋپسىزلىك مىنىستىرى نېناد نەشىك بىلەن بۇ يىغىن ھەققىدە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ۋە سۈرەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا: «نېناد نەشىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن، شىنجاڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈردى» دېگەن. بۇ ئارقىلىق د ئۇ ق ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Ekrem

ھالبۇكى، بۈگۈن 24-ئۆكتەبىر سارايېۋودىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 8-قۇرۇلتاينى توسۇپ قېلىش ئۇرۇنۇشلىرى كارغا كەلمىگەن. 8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ رەئىس نامزاتى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىمۇ قۇرۇلتاينىڭ بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئىشتىراكىدا خاتىرجەملىك ئىچىدە ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ رىياسەتچىسى ئىپتىخار تەڭرىقۇتنىڭ 23-ئۆكتەبىر بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتايلار تەھدىت سالغاندەك توسالغۇلار ياكى زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىمىغان.

خىتاينىڭ د ئۇ ق نىڭ يىغىنلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرى بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەنىدى. د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى» 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە شىمالىي سىپرۇس (قىبرىس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە چاقىرىلغان ۋاقتىدىمۇ، خىتاي تەرەپ سىپرۇس خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا «تېررورىستلار» دېگەن تۆھمەتنى ئارتىپ بۇ يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەنىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى. 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Ekrem

 «د ئۇ ق سارايېۋودىكى يىغىنىنى باشلاش ھارپىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەھدىتكە دۇچ كەلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ د ئۇ ق نىڭ نامىدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە ئەۋەتكەن يالغان خەتلىرى ۋە تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن 10 نەپەر كىشى سارايېۋوغا كېلىشتىن ۋاز كەچكەن. ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرى كوللېكتىپ ھالدا يىغىنغا كەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، 200 گە يېقىن ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئوڭۇشلۇق باشلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.