8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.10.30
duq-8-yurek-soz-02 ئوڭدىن رىشات ئابباس، دولقۇن ئەيسا،-سەلچۇق ئۆزداغ، دوغان بېكىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن. 2024-يىلى27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Hebibulla izchi

بوسنىيەدە 24-ئۆكتەبىردىن 28-ئۆكتەبىرگىچە چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىغا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، بوسنىيەدىكى ئەلچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلتاي ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگە بولغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قۇرۇلتايغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇك ئۆزداغ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن ھېس قىلغانلىرىنى ۋە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا تېخى كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئوتتۇرىدا، ئوڭدا سەلچۇق ئۆزداغ، سولدا دوغان بېكىن.  2024-يىلى27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئوتتۇرىدا، ئوڭدا سەلچۇق ئۆزداغ، سولدا دوغان بېكىن. 2024-يىلى27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Hebibulla izchi

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «20 يىل بۇرۇن ۋەتەنلىرىدىن ئۇزاقلارغا سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار، تېخىمۇ توغرىسى 1949-يىلىدىن كېيىن ۋەتەنلىرى ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر دىياسپوراسىنى شەكىللەندۈردى. شۇنداقلا مەن ئىشىنىمەنكى بىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇ بايراقلار قاتارىغا بۇ بايراق قوشۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىمۇ كۆك بايراق لەپىلدەيدۇ. مەن تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىمەن، پارتىيەمىزنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا دەۋەت قىلىمەن».

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ياۋروپادا قوللاپ كېلىۋاتقان، «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مۇرات ئىلەرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىدىن بىر ھەيئەت بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرىتى ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈشى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن.  2024-يىلى27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈشى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن. 2024-يىلى27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Hebibulla izchi

ئۇ سۆزىدە: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ يەردىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي بىر شەكىلدە تارقاق ھەرىكەت قىلىشتىن تەشكىلاتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز شۇئان بوسنىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىيا ئىززەت بېگوۋىچنىڭ يۇرتىدا، خۇددى ئۇنىڭ دېگىنىدەك بىزنى ئازابلايدىغىنى، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمدىنمۇ بەكرەك، بۇ زۇلۇمغا تاماشىبىن بولۇپ قالغان ئۆز قېرىنداشلىرىمىزدۇر. قېرىنداشلىرىمىز خىتاي بىلەن تىجارەت قىلغاندا، بىر نەرسە سېتىۋالغاندا بۇ نەدە ئىشلەندى؟ نەدىن كەلدى دەپ دىققەت قىلىشى كېرەك، مۇشۇ شەكىلدە ھەر تەرەپتىن خىتايغا بىر بېسىم شەكىللەندۈرگەندە ئاندىن بىر نەتىجىگە ئېرىشىمىز.»

تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى، تۈركىيە يېڭى رەفاھ پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىنمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يېڭى رەفاھ پارتىيەسى دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن بىر زۇلۇم مەۋجۇت بولسا بىز شۇنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت ۋەزىيەتمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، 1949-شەرقىي تۈركىستاندىكى 5 پىرسەنتلىك خىتاي نوپۇسىنىڭ ھازىرقى ئۆزگىرىشى بىر خەتەرلىك ئەھۋال.»

يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن سۆز قىلماقتا.  2024-يىلى27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو
RFA/Hebibulla izchi

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورانتى ئاھمەت ئېرتانمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ مۇنداق دەيدۇ؛ «قۇرۇلتايدا مەن شۇنى كۆردۈم، قۇرۇلتايدا ھەقىقەتەن جىددىي بىر ئۆزگىرىش مەۋجۇت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان بىر ئورگان ھالىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.»

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا، تۈركىيەدىن دىپلوماتلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇلار، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى لوقمانجان ھىرا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇچقۇن، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى قۇدرەت غۇلجا قاتارلىقلاردۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ مېھمانلارنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوقمانجان ھىرا ئۆزىنىڭ قۇرۇلتاي ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.