د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى فىنلاندىيەدە باشلاندى
2024.05.22
بۈگۈن 21-ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ فىنلاندىيەدە خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىشچىلار ھوقۇقى تەشكىلاتى ۋە فىنلاندىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلانغان.
بېلگىيەدە چاقىرىلغان «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك چوڭ يىغىنىنى تۈگىتىپ، 20-ماي فىنلاندىيەگە يېتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى شەيلا ۋە گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلار 21-ماي ئەتىگەن فىنلاندىيەدىكى پائالىيىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، فىنلاندىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، فىنلاندىيە ئىشچىلار ھوقۇقى تەشكىلاتى ۋە فىنلاندىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ زىيارەت ھەققىدىكى بەزى مەلۇماتلارنى ۋە مەقسىتىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان، خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى پىروگراممىسى مەسئۇلى، فىنلاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر قىزى پەزىلەت ئىسمائىل بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، فىنلاندىيەنىڭ تېخى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ۋە بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشنىڭ مەقسىتىنىڭ فىنلاندىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى شەيلا خانىممۇ، بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «بۈگۈنكى دوكلات فىنلاندىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تونۇتۇش رولىغا ئىگە» دېدى.
21-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى پائالىيەتتە گوللاندىيەدىن كەلگەن لاگېر شاھىنى قەلبىنۇر سىدىقمۇ، ئۆزىنىڭ لاگېر ھاياتى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن دولقۇن ئەيسا، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە قەلبىنۇر سىدىقلار فىنلاندىيەنىڭ «دۇنيا رەسىملەر ژۇرنىلى»، «چەت ئەللىك سىياسەتچى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا، ئۆزىنىڭ بۇ زىيارەتلەردە فىنلاندىيە زىيارەتلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ھەم خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا يەنە فىنلاندىيەنىڭ سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى ئىچىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئاساس قىلغان، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بىر خەلقئارالىق ئورگان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى، شەخس ۋە ئورگانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلمەكتە. د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىنىمۇ دەل مۇشۇ ئورگان تەشكىللىگەن ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بۇ تەشكىلاتنىڭ فىنلاندىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزى يېتەكچىلىك قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ فىنلاندىيەدىكى بۇ پائالىيىتى يەنە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىكەن.