د ئۇ ق 9 نەپەر جازا لاگېرى شاھىتىغا «جاسارەت مۇكاپاتى» بەردى
2021.02.17
13-فېۋرال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا 9 نەپەر لاگېر شاھىتىغا «جاسارەت مۇكاپاتى» بېرىلدى.
د ئۇ ق 6-فېۋرال كۈنى تور ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىپ، 3 يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى بەرگەندىن كېيىن، 13-فېۋرال كۈنى داۋاملاشقان يىغىندا خىتاينىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە قورقۇتۇشىغا قارىماستىن جازا لاگېرلىرىدا بېشىغا كەلگەن ۋە كۆرگەن كۈلپەتلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتقان 9 نەپەر لاگېر شاھىتىغا «جاسارەت مۇكاپاتى» تارقىتىپ بېرىلدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرى د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى، قۇرۇلتايغا ئەزا تەشكىلاتلار بىلەن قۇرۇلتاينى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، لاگېر شاھىتلىرى، د ئۇ ق نىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ 20 دۆلەتتىن 220 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان 13-فېۋرال كۈنىدىكى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا شاھىتلارغا ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن، ئاستىغا «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا كۆرسەتكەن جاسارىتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان لوڭقا بىلەن پۇل بېرىلدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھازىرغىچە خەلقئارادا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلغان 9 نەپەر شاھىتقا، بۇ ھەقتە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن «جاسارەت مۇكاپاتى» نى بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئارقىدىن سەمەت ئابلا ئەپەندى «جاسارەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇددىن، زۈمرەت داۋۇت، سايراگۈل ساۋۇتباي، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباخار جېلىلوۋا، گۈلباھار مەخمۇتجان (خاتىۋاجى)، گۈلزىرە ئاۋۇلخان، مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىملار ۋە ئۆمەربەگ ئالىي ئەپەندىنىڭ ئىسىملىرىنى جاكارلىدى.
تور ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن سۆز ئېلىپ، مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ھازىر فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم، ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن خۇشال بولغانلىقىنى، بۇنى ۋەتەندە لاگېرلاردا يېتىۋاتقان خانىم-قىزلارغا ۋاكالىتەن ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھازىر ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىم «جاسارەت مۇكاپاتى» نى ئالغاندىن كېيىن ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاياتىنى ئۈمىدلىرىنى بەربات قىلغانلىقىنى، خىتايغا قارشى قەتئىي بوشاشماستىن مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھازىر ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى زۈمرەت داۋۇت خانىم د ئۇ ق نىڭ كېڭەش يىغىنىدا بېرىلگەن مۇكاپاتنى ئېلىپ ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلغانلىقىنى، خۇشال بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق BBC ئاخبارات قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئايال تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردا باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى پاش قىلىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان 2017-ۋە 2018-يىللىرى ئىككى قېتىم جەمئىي 9 ئاي ئىلىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاگېرىغا سولانغان، ھازىر ئامېرىكادا داۋالىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن «جاسارەت مۇكاپاتى» نىڭ ئۆزىگە ئىلھام ۋە كۈچ بېغىشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھازىرغىچە خەلقئارادا 9 نەپەر لاگېر شاھىتى گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سەككىزى ئايال، بىرى ئەر. ئۇ، بولسىمۇ چەتئەلدە تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن، بىر مەزگىل تۈركىيەدە تۇرغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە چىقىپ كەتكەن ئۆمەر بەكئېلى ئەپەندىدۇر. ئۇ، مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، ئەل سۆيگەننى ئەلنىڭ قوينىغا ئالىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ قوينىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن جەننەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 6-فېۋرال كۈنى بىلەن 13-فېۋرال كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2017-يىلى نويابىردا ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا د ئۇ ق رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى د ئۇ ق ئېلىپ بارغان 3 يىللىق پائالىيەتنى 15 نۇقتىغا ئىخچاملاپ ئاڭلاتقان ئىدى. 13-فېۋرالدىكى يىغىندا 20 دۆلەتتىن قاتناشقان 220 ئەتراپىدا ۋەكىلنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتۈلدى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىندى.