د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پراگادا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.11.11
duq-7-qurultay-1.jpg د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 11-نويابىر، پراگا، چېخىيە.
Photo: RFA

11-نويابىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدىكى 25 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋە چەت ئەللىك شەرەپ مېھمانلىرى چېخىيە پايتەختى پىراگا شەھىرىدىكى گراندىئور مېھمانخانىسىغا جەم بولدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00 دىن باشلاپ مېھمانخانىنىڭ چوڭ زالىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى رەسىم كۆرگەزمىسى»، «ئۇيغۇر ئاۋازى كىتاب يەرمەنكىسى» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، 7-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، چېخىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىرى ئوبېرفالتسىر، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى روزىن مىللار، تۈركىيەلىك ئادۋوكات ئىلياس دوغان، چېخىيەدىكى «مۇنبەر 2000» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياكوب كىلېپال، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مېتىن كېسەر قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلەپ، 7-قۇرۇلتايغا ئۇتۇقلار تىلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئاسارىتىدىن، جازا لاگېرلىرىدىن تېزراق قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىك، ھۆرلۈكتىن ئىبارەت ئەقەللىي ھەقلىرىگە بىر قەدەم بولسىمۇ بالدۇرراق ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. يەنە بىر قىسىم شەرەپ مېھمانلىرىمۇ مۇراسىمدا سۆز ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بىز د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چېخىيەگە كەلگەن بەزى ۋەكىللەرنى پىراگادىكى گراندىئور مەھمانخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قارىتا كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەشكە تېرىشتۇق. دىققىتىڭلار نەق مەيداندىن بەرگەن بۇ پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.