د ئۇ ق مەركىزى زالىدا 8-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللەر سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.07.29
duq-wekiller-yighini-1 د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

28-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق نىڭ خىزمەت بىناسىدا 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. سايلامغا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى. بۇ كۈن «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى بولغاچ، پائالىيەت ئالدى بىلەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.

تۇنجى بولۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن 10 يىل مۇقەددەم يەركەندە يۈز بەرگەن قەتلىئامدا خىتاي ھاكىمىيىتى 90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمەلىيەتتە 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە بولغان ئۇيغۇر قىرغىن قىلىنغان. بۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى يەنە بىر زور قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، ميۇنخېن.
د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر سايلىمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، 5 كىشىلىك سايلام نازارەت گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى. ئاندىن ميۇنخېن شەھىرىدىن ئۆزىنى ۋەكىللىك نامزاتلىقىغا كۆرسەتكۈچىلەر بىر بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە بۇندىن كېيىن ۋەتەن-مىللەت يولىدا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى ھەققىدە ئىرادىلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۈچۈن گېرمانىيەگە بېرىلگەن سان 17 بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سايلامغا تور ئارقىلىق قاتناشتى. ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزىنى ۋەكىللىككە تىزىملاتقان 35 كىشىدىن 17 كىشىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا قالاق، رادىكال كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇھاجىرەتتىكى دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىپ، خەلقئاراغا ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر مەدەنىي بىر مىللەت بولغانلىقىنى نامايان قىلىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت باشقۇرالايدىغانلىقىنى، ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كېلەچەكتىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق بەرپا قىلالايدىغانلىقى ھازىردىن باشلاپ دۇنياغا بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، ميۇنخېن.
د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

بۇ قېتىمقى سايلامغا رىياسەتچىلىك قىلغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 11 دۆلەتتە رەسمىي سايلام ئېلىپ بېرىلغان. يەنە 13 دۆلەتتە، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى شۇ يەردىكى خەلقلەر ۋە تەشكىلاتلار بەلگىلەپ بەرگەن. 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئۈچۈن جەمئىي 157 نەپەر رەسمىي ۋەكىل سايلانغان.

5 كىشىلىك سايلام نازارەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى سايلام ئادىل ۋە خاتاسىز ئۆتكۈزۈلگەن. سايلامدا ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىش جاسارىتىگە ئىگە بولغان ياشلارنى سايلاشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.