دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ 3 چوڭ شىركىتىنى فرانسىيەدە سوتقا بەرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025.04.07
WUC Appeal in France ئادوكات ۋىليام بوردون (William Bourdon) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن خىتاينىڭ خۇاۋېي، داخۇا ۋە خەيكاڭ شىركەتلىرىگە قارشى فرانسىيە سوتىغا ئەرز سۇنغان.
Photo: RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزىشىدە شېرىك بولغان 3 چوڭ خىتاي شىركىتىنى فرانسىيەدە رەسمىي سوتقا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7 - ئاپرىل ئېلان قىلغان بۇ باياناتىدا، فرانسىيەدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادوكاتى ۋىليام بوردون (William Bourdon) نىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن خىتاينىڭ تېخنېلوگىيە شىركەتلىرىدىن خۇاۋېي، داخۇا ۋە خەيكاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شىرىكلىكى سەۋەبىدىن ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ باياناتتا، «بىز بۇ ئەرزنى سۇنۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىقىدا شىرىكلىك رول ئوينىغان شىركەتلەرگە ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقىنىڭ بارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەتمەكچى. بىز فرانسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئەرزىمىزگە جىددىي قاراپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دىگەن.

بۇ باياناتتا ئېيتىلىشچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ 3 چوڭ خىتاي شىركىتىنى 4 خىل قانۇنىي سەۋەپتىن فرانسىيە سوتىغا ئەرز قىلغان. بۇ قانۇنىي سەۋەپلەر بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تەشكىللەنگەن گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ ئادەم ئەتكەس قىلىش جىنايەتلىرىگە بولغان شىرىكلىكىنى يوشۇرۇش ئىكەن. بۇ 45 بەتلىك ئەرزدە بۇ 3 شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىش خارەكتىرلىك سىياسەتلىرىنى قوللاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تەقىب سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ماڭدۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقى ئوچۇق مەنبەلەر ۋە دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.

بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017 - يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىگە تەڭ شىرىك بولغانلىقىدىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ خەۋەدار بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەيكاڭ بىلەن داخۇا شىركىتىنى 2019 - يىلى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتا ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.