د ئۇ ق ئۇيغۇر دەۋاسىنى 2025-يىلىمۇ خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2025.01.13
duq-kespiy-yighin-02 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كەسپىي خادىملىرى. 2024-يىلى، ميۇنخېن
RFA/Ekrem

8-يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەركىزىدە د ئۇ ق كەسپىي خادىملىرىنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ مەركەزدىكى خادىملىرى ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشخانىلىرىنىڭ مۇدىرلىرى قاتناشتى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئېلىپ، 2025-يىلى ئۇيغۇر دەۋاسىنى يالغۇز غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدىلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ تېخىمۇ كەڭ خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، مەزكۇر يىغىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بىر بۆلۈك ياش ئىزباسارلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەجىر سەرپ قىلىش توغرىسىدىمۇ پىلان پىروگراممىلار تۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كەسپىي خادىملىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا. 2025-يىلى، 13-يانۋار، بېرلىن
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كەسپىي خادىملىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا. 2025-يىلى، 13-يانۋار، بېرلىن
RFA/Ekrem

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ بۇ يىغىن توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ، 2025-يىلىنىڭ يەنە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بىلەن باشلانغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ ئىنچىكە پىلانلارنى تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى كەسپىي خادىملار يىغىنىنىڭ مۇشۇ مەقسەتتە چاقىرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ئۇچۇر ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، د ئۇ ق نىڭ ئەرەب تىلىدىكى باياناتچىسى ئىپتىخار تەڭرىقۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا د ئۇ ق كەسپىي خادىملىرىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىلغان ۋە 2025-يىللىق خىزمەت تەقسىماتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. د ئۇ ق ھەر يىلىنىڭ بېشىدا كەسپىي خىزمەتچىلەرنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ سۆزىدە، ئۆزى مەسئۇل بولغان د ئۇ ق ئۇچۇر ئاخبارات مەركىزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى كۆپ خىل تىلدا تېخىمۇ كۈچلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىمۇ پىلانلار تۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.