قەيسەر مىجىت: «ئېلون ماسكقا ئوخشاش كاپىتالىستلار پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدۇ»
2023.09.15

دۇنياغا داڭلىق ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت «تېسلا» (Tesla) نىڭ خوجايىنى ئېلون ماسك (Elon Musk) يېقىندا «ئەركىن ئاخبارات» مۇخبىرى بارى ۋېيس (Bari Weiss) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتايدىكى مەنپەئەتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى بىپەرۋالىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئەھۋال ۋالتېر ئىساكسون (Walter Isaacson) نىڭ ئېلون ماسك ھەققىدە يازغان كىتابتا ئاشكارىلانغان.
بۇ كىتابتا ئېيتىلىشىچە، ئېلون ماسك مۇخبىرنىڭ ‹تىۋېتتېر› يەنى ھازىرقى X نىڭ تىجارىتى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كەسكىن سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەندە كەيپىياتى جىددىيلىشىپ كەتكەن؛ مۇخبىر قايتا سوراپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، X دا ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىدىغان سۆزلەر بولماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى، چۈنكى ‹تېسلا› ئاپتوموبىللىرىنىڭ خىتايدا ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆزلەپ كېلىپ: «ئۇنداق قىلمىساق ‹تېسلا› نىڭ خىتايدىكى سودىسى خەۋپكە ئۇچرايدۇ» دېگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى مەسىلىسىگە كەلگەندە، «بۇنىڭ ئىككى تەرىپى بار» دېگەن.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت ئېلان ماسكنىڭ بۇ گېپىنى خىتايغا يان بېسىش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى كۆرمەسكە سېلىش دەپ چۈشىنىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە پەقەت خىتاينىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو ئېلون ماسكنىڭ بۇ سۆزىگە تەبىر بېرىپ: «مەنچە ئۇ بۇ يەردە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ھەققىدە بىلىنەر-بىلىنمەس قاقشىغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىققا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يوللۇق بىر سەۋەبى بار دېمەكچى بولغان. ئەمما ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بىرلا مەسىلە، بىرلا تەرەپ بار».
ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلون ماسكنىڭ تەيۋەن بىلەن خىتاينى بىرلەشتۈرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەندە ئالاھىدە رايون قۇرۇش تەشەببۇسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خۇشال قىلغان، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چىن گاڭ ئۆتكەن يىل 10-ئايدا بۇ ھەقتە X دا ئۇچۇر بەرگەنىدى.
ئامېرىكا CNBC تورىنىڭ 13-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ (Joseph Wu) ئېلون ماسكنىڭ «تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن گېپىنى ئەيىبلەپ: «ئاڭلاپ قوي، تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس، ئۇ ھەرگىز سېتىلمايدۇ» دېگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، 2022-يىل 1-ئايدا ئېلون ماسك ئۈرۈمچى شەھىرىدە «تېسلا» نىڭ كۆرگەزمە زالى ئېچىپ، تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى. تېسلانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇنىڭ لىتىي ئىئونلۇق باتارېيەسىنىڭ بىۋاسىتە مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغانلىقى دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ياساش سانائىتى بىرلەشمىسى رەئىسى سكوت پائول (Scott Paul): «شىنجاڭدا سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تېسلانىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھەممىدىن يىرگىنچلىك» دېگەنىدى.
رايموند كو «تېسلا» نىڭ خىتاينىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئاساسەن خىتاينىڭ دېگەنلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر، ئىككى يىل بۇرۇن ئۇلار شىنجاڭدا كۆرگەزمە زالى ئاچتى. بۇ ئىش ‹تېسلا›نىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا زەربە بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ خىتاينىڭ لىتىيغا ئوخشاش ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەر بىلەن شېرىكلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەبىئىي بايلىقلارنى زاپاس ساقلىۋېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بۇ ئالاھىدە ساھەنى كونترول قىلىۋېلىشىنى يوق قىلالايدۇ».
ئېلون ماسك يەنە 2023-يىل 6-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، 7-ئايدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش» تەلەپ قىلىنغان ئۇقتۇرۇشقا ئىمزا قويغان، نەتىجىدە «تېسلا» شىركىتى بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئىمزا قويغان بىردىنبىر شىركەت بولۇپ قالغان.
قەيسەر مىجىت ئەپەندى ئېلون ماسكقا ئوخشاش شەخسىيەتچى كاپىتالىستلار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئېلون ماسكنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ باققانلىقى ياكى بىرەر ئىش قىلىپ باققانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەكسىچە، سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن خىتايدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، خىتايدىكى مەنپەئەتىنى دەپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن، بۇ قېتىم مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا يان باسىدىغان تەرىپى روشەن كۆرۈلگەن. بىز بۇ مەسىلە توغرۇلۇق X شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، نەتىجە ئالالمىدۇق.
ئېلون ماسكنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 15-سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئېلون ماسكنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى: «باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدۇر. خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللىنىپ، ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، دۆلەت ۋە كارخانىلارنى بۇنىڭغا شېرىك قىلماقتا. خىتاينىڭ يالغانچىلىقى دۇنياغا مەشھۇردۇر. ئېلون ماسك پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى تەكرارلاش يولىنى تۇتتى» دېدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ 14-سېنتەبىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئېلون ماسكنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بولمىغۇر گەپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم: «مەن ئېلون ماسك ئەپەندىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساۋاق ئېلىپ ئۆزىنى تەربىيەلەشكە، بۇ مەيدانىنى قايتا ئويلىشىپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ھەرگىز ئىككى تەرەپلىمىلىك ياكى ئوتتۇرا نۇقتا بولمايدۇ. شىركەتلەر ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساش سانائىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە باشلىدى. مەنمۇ ئېلون ماسكنى شۇنداق قىلىشقا، بولۇپمۇ تېسلانىڭ خىتايدىكى ھەر قانداق مۇلازىمىتىنى توختىتىشقا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ، تارىخنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانماسلىققا چاقىرىمەن».
قەيسەر مىجىت ئەپەندى تېسلا ماركىلىق ماشىنىغا ئىشلىتىلىۋاتقان لىتىي باتارىيەسىگە ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ بايلىقى ۋە قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى سىڭگەنلىكىنى، بۇ ماشىنىنى سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق ھەر كىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولسىمۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر ۋىجدان، ئەخلاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.