ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل 68 يېشىدا تۈركىيەدە ۋاپات بولدى
2023.09.14
1955-يىلى يەكەندە دۇنياغا كەلگەن، 1965-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ جايلاشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل 12-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
مەزكۇر خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تۈركىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىمزاسى بىلەن تارقىتىلغان تەزىيەنامىدە بالىلىق چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىنى تاشلاپ چەت ئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ ۋاپاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن يوقىتىش بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەرھۇم ئەمرۇللاھ ئەپەندىگىلنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ھايات ۋاقتىدا مىللىي دەۋايىمىز ئۈچۈن سەمىمىي خىزمەت قىلغان، ئۇ، قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدا رول ئوينىغانىدى. مەرھۇمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى چوڭقۇر ماتەمگە چۆمدۈردى. مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن. مەرھۇمنىڭ ئىنىسى خەيرۇللاھ ئەپەندى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيمىز.»
بىز مەرھۇم ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى، خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئاكام ئەمرۇللاھ ۋەتەندە تۇغۇلغان. دادام دىنىي ئۆلىما سېيىت ئابدۇۋېلى قارىمنىڭ 7 پەرزەنتىنىڭ بەشىنچىسى ئىدى. مەرھۇم مۇلايىم، كىچىك پېئىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىپ كەلگەن پىداكار كىشى ئىدى. قەيەردە پائالىيەت ئۆتكۈزسەك، يولنى ئۇزاق كۆرمەي ئاكتىپ قاتنىشاتتى. ئاكام ئەمرۇللاھ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىمىزدە ئۆلۈم-يېتىم بولسا يۈگۈرۈپ مازارلىق ۋە دەپنە ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، توي-تۆكۈنلەردە قازان بېشىغا ئۆتۈپ كۆپ كىشىلىك پولۇلارنى قىلاتتى. مەرھۇم چوڭ بىلەن، چوڭ كىچىك بىلەن ھېچكىمنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەيدىغان، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان مەرد ئادەم ئىدى. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان، كۆيۈمچان ئاق كۆڭۈل كىشى ئىدى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن.»
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، مەرھۇم ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ تۇغقىنى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «12-سېنتەبىردە ئالەمدىن ئۆتكەن ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل بىلەن مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ، 5 ياش ۋاقتىدا بىز بىللە ئافغانىستانغا چىققان. كېيىن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققانىدى. قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى. مەرھۇم ئەمرۇللاھ ناھايىتى مۈلايىم، پىداكار ۋە مىللەتپەرۋەر قېرىندىشىمىز ئىدى. شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن پائالىيەتلەرگە قاتنىشاتتى. ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرەتتى. ئەپسۇس تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى تۇتۇپ قېلىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي9-ئاينىڭ12-كۈنى قەيسەرىدىكى دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۆزىگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن بىرلىكتە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيمەن».
ئەنقەرەدىكى تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، رەھمەتلىك ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل بىلەن 15 يىلدىن بۇيان تونۇشىدىغانلىقىنى، كۆپ قېتىم بىرلىكتە نامايىشلارغا قاتناشقانلىقىنى، پىداكار، ۋەتەنپەرۋەر، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەرھۇم ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل 1955-يىلى يەكەن شەھىرىدە ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1965-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ، 1989-يىلى قەيسەرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ، ئۇزۇن يىل قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ 2 ئوغۇل، 4 قىز پەرزەنتى بىلەن 16 نەۋرىسى بار ئىدى.