ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.10
London-soti-uyghur-irqiy-qirghinchiliqi سابىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى سىر جېفرېي نايىس (Geoffrey Nice) نىڭ باشچىلىقىدىكى لوندون مۇستەقىل سوتى 2021-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۈستىدىن ئاچقان ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قەبىھ مۇئامىلىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەم «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغان
Photo: RFA

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى، قانۇنچى ۋە ئادۋوكاتلار ھەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ 9-دېكابىر لوندون مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى 2021-يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش يىغىنىدا ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى. سابىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى سىر جېفرېي نايىس (Geoffrey Nice) نىڭ باشچىلىقىدىكى لوندون مۇستەقىل سوتى 2021-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۈستىدىن ئاچقان ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قەبىھ مۇئامىلىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەم «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغان.

سوت كوللېگىيەسى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالقىلىق بىر قىسمىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ماھىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىق» دەپ ئېلان قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا سوت قارارىنىڭ ھۆكۈمەتنى مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، دەپ قارالغان ئىدى.

9-دېكابىر ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھەقىقەت ۋە جەسۇرلۇققا ئاپىرىن ئوقۇش: ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنىڭ ئۈچ يىللىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش» ناملىق يىغىندا، باش سوتچى سىر جېفرېي نايىس سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلمىنىڭ «نېمە ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىر جېفرېي نايىس 9-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا بىر قاتار راستچىل بولمىغان سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىر جېفرېي نايىس مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە سىز ۋە سىلەرنىڭ رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىڭلار شۇ مۇھىم نۇقتىنى چۈشىنىشى كېرەك: بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن يۈز بەرمىگەنلىكىنى قارار قىلىشتا، مەيلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى باشقا ھۆكۈمەتلەر بولسۇن، بىر قاتار راستچىل بولمىغان سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالماسلىقى ناھايىتى چوڭ سەۋەنلىك.»

سىر جېفرېي نايىسنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۈگۈنكى يىغىن باش ئورگانلارنىڭ، شۇنداقلا سودا پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى نۇقتىسىدىن دىققەت قىلارلىق بىر مۇزاكىرە بولغان.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس ئەپەندىم (ئوتتۇرىدا) كوللېگىيەنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى سۇنماقتا. 2021-يىلى 9-دېكابىر. لوندون، ئەنگلىيە.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس ئەپەندىم (ئوتتۇرىدا) كوللېگىيەنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى سۇنماقتا. 2021-يىلى 9-دېكابىر. لوندون، ئەنگلىيە.
AP Photo/Alberto Pezzali

بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆرنەك ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ كۆلىمى ھەم ئېغىرلىق دەرىجىسىگە مۇناسىپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. لوندون مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات ھامىد سابى (Hamid Sabi) نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ «خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھامىد سابى مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزى ئىمزا قويغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› دىكى تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىشنى خالىماسلىقى بولماقتا. ھالبۇكى، خەلقئارا ئەھدىنامىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر بولۇش گۇمانى پەيدا بولغان ھامان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشىنى دەرھال توختىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.»

 لېكىن ھامىد سابىنىڭ قەيت قىلىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەتلەر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› نى ئىجرا قىلىشنى خالىمىسىمۇ، مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارارىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان. ھامىد سابى 9-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارارىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى، جۈملىدىن ئەنگلىيە پارلامېنتى بىلەت تاشلاپ، مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارارىدىن پايدىلاندى» دەپ كۆرسەتتى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەركىزى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-دېكابىر كۈنىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەش تىزىملىكىدىكى بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ھەممىسى قاتناشقان. ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ رىياسەتچىسى، پارلامېنت ئەزاسى بلايىر مەكدوگال (Blair McDougall)، ئەنگلىيەدە يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان «ئىشچىلار پارتىيەسى» ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بلايېر مەكدوگال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بىزگە يېڭى ھۆكۈمەت ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ (كىشىلىك ھوقۇق) پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ۋەدىسى بويىچە يوچۇق ئېچىلىپ، خەلقىڭلارغا بولۇۋاتقان ئىشلارنى قاتتىق پوزىتسىيەدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ پۇرسىتى تۇغۇلدى.»

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى رەھىمە ماھمۇت بولسا، نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارارىنى رەسمىي قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. رەھىمە ماھمۇتنىڭ قارىشىچە، سوتنىڭ قارارى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشتىكى مۇھىم ھۆججەتلىك رولىنى ئوينىماقتا ئىكەن.

لوندون مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنىڭ ئۈچ يىللىقى مەزگىلىدە يەنە ئامېرىكا ئاۋام ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم (Young Kim)، كانادا پارلامېنت ئەزاسى يىۋېس بلانغىېت (Yves Blanchet)، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىيان دۇنكان سمىت (Ian Duncan Smith) قاتارلىق نۇرغۇن سىياسىيونلار X، Linked-In قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ سۇنغۇچىسى يوڭ كىم بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى جىمىقتۇرۇلماقتا، تۇتقۇن قىلىنماقتا، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماقتا، تۈرمىگە تاشلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ لاگېرلىرىدا مېڭىسىنى يۇيۇلماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئاللىقىغا كۆز يۇمۇش شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە يول قويغانلىقتۇر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.