ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالماسلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى
2024.10.31
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لامى يېقىندا خىتايدا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. داۋىد لامى خىتاي سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەمدە ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇنىڭغا چاقىرىق ئېلان قىلغان. چاقىرىقتا ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.
داۋىد لامى 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتى ھەققىدە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا دوكلات بەرگەندە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.
ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئىيان دانكىن سىمىس (Iain Duncan Smith) داۋىد لامىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەقەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دەپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەينى چاغدا بىردەك ئاۋاز بىلەن شىنجاڭدا يۈز بەرگەن باستۇرۇشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان. ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ زىيارەتكە دائىر ئوقۇشلۇقىدا ئاددىيلا قىلىپ ‹كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى› دەپ ئېلىنىپتۇ. بۇ دېگەن قۇل ئەمگىكى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۇرسا، نېمىشقا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى تېخىمۇ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىمەيدۇ؟»
پارلامېنت ئەزاسى ئىيان دانكىن سىمىس ئەپەندى يەنە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتايدىكى مەزگىلىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قويغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى تىلغا ئالمىغانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلغان. ئۇ ھەتتا سۆزىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنى ئورتاق بىكار قىلىشقا دائىر ھەرىكەت بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت نېمىشقا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، خىتاي تەرەپتىن جازانى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ؟ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، يېقىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئەنگلىيەنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەردە مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان جازانى بىكار قىلىش بەدىلىگە، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. مەن تاشقى ئىشلار ۋەزىرىگە شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇنداق نومۇسسىز كېلىشىمنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمەن. ئەگەر ھەقىقەتەن بۇنداق بىر پىلان بولسا، ئۇنىڭ بۇ پىلاننى دەرھال توختىتىشىنى سورايمەن.»
ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت بىرلىكتە 2021-يىلى 22-مارت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو، سابىق نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قوشۇمچە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۈن قاتارلىق 4 نەپەر ئەمەلدار ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە قولى بارلىقى سەۋەبىدىن «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى.
ئارقىدىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز شەخس ۋە تۆت ئورۇننى «يامان غەرەزدە ساختا ئۇچۇر تارقاتتى» دەپ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى قويغان.
داۋىد لامى، دانكىن سىمىس ئەپەندىنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ھەقىقەتەن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان جازانى بىكار قىلىش ھەققىدە بىر ھەرىكەتنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئۇ پەقەت، ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قويۇلغان جازا تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، خىتايغا بېرىپ تۇرۇپ بۇنداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەنگلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە «خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفېرد (Luke de Pulford) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر پىلانى بولىدىغان بولسا، بۇنىڭ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىز ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقەتەن بۇنداق بىر پىلانى بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمىز. بىراق ھەقىقەتەن شۇنداق بىر پىلانى بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلار قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدۇ. چۈنكى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا يۈرگۈزۈلگەن جازا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇنى ئەيىبلىگەن سىياسىيونلارغا يۈرگۈزۈلگەن ناھەق جازاغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇنى ئادىل ئالماشتۇرۇش دەپ قارايدىغان ھەر قانداق تەكلىپ بولىدىغان بولسا، بۇ زور بىر سىياسىي سەتچىلىك ۋە چەكسىز ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، بۇنداق بىر ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى جازانىڭ خاراكتېرىنىڭ بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان جازانى بىكار قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان بۇ جازا بۇ ئەمەلدارلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا دائىر پولاتتەك پاكىتلار ئاساسىدا ‹يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى› بويىچە قويۇلغان. بۇ ھەم ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىر ۋاقىتتا قويۇلغان. شۇڭا مەن بۇ جازانىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ئۇنداق يەڭ ئىچىدە سودا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايمەن. بۇ يەردىكى بىر ئېھتىماللىق بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشى مۇمكىن.»
بىز بۇ ھەقتە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلاردىن ھەقىقەتەن بۇنداق بىر پىلانى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-ئۆكتەبىر كۈنى بىزگە جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېلخېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمىزغا قارىتىلغان جازاسى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ۋە قوبۇل قىلغۇسىز بولۇپ، بۇنى ئەنگلىيە 2021-يىلى ئېلان قىلغان جازا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر ۋە سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا دائىر قايىل قىلارلىق ۋە كەڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاساس قىلغان. »
باياناتچى سۆزىدە يەنە، تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ «ھەر بىر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قاراتقان جازانى بىكار قىلىش ھەمدە يەنە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» نى ئىپادە قىلغان.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لامى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، يەنى 2023-يىلى 3-ئايدا قىلغان بىر سۆزىدە، ئەگەر ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تەقدىردە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان مۇئامىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي يول تېپىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. پارلامېنتتىكى دوكلاتى جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالغىمۇ دۇچ كەلگەن.
پارلامېنت ئەزاسى نيىل ئوبرايىن (Neil O'Brien) ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سورىغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لامى بۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
«مەن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتىمەن. بىراق شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھۆكۈمەتلەر ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.»
رەھىمە خانىم داۋىد لامى ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئۆزى قىلغان بۇ گەپتىن ئىزچىل قېچىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىراق شۇنداقتىمۇ ئۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا بۇ سوئالنى داۋاملىق سوراپ قىستاپ تۇرۇشىنىڭ ياخشى بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ئۇنىڭ پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭغا خەلقئارا سوت قارار قىلىشى كېرەك، دېگىنىگە ھەيران قالمىدىم. چۈنكى ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ. مەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى بۇ مەسىلىدە قىستاپ سوئال سورىغانلىقىدىن، ئۇنى گېپىدە تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇ ئىنتايىن مۇھىم.»
داۋىد لامى پارلامېنتتا يەنە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى جىممىي لەينىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ھەل بولمايۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرگە دائىر قېيىن سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەرگەن.