ئەنگىلىيە يۇقىرى پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقان شىركەتلەر ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.11.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
engliye-yuqiri-parlamenti-1.jpg خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىدا ئۆتكۈزگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش: سىزنىڭ يىغقان پۇللىرىڭىز خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 22-نويابىر.
Photo: RFA

22-نويابىر كۈنى خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگىلىيە يۇقىرى پالاتاسىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش: سىزنىڭ يىغقان پۇللىرىڭىز خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنغا ئەنگىلىيە يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لورد ئالتون رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىن جەريانىدا دوكلاتنىڭ ئىككى نەپەر قەلەم تەۋرەتكۈچىسى، يەنى شېفىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدې خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە زامانىۋى قۇللۇق ساھەسىدىكى پروفېسسورى لاۋرا مېرفىي خانىم بىلەن خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تەتقىقاتچى جوننىي پاتتېرسون ئىككەيلەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاتقان.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدىكى 11 يەرلىك كۈتۈنۈش فوندىنىڭ پۇلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ۋە يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا چېتىشلىقى بولغان ئاز دېگەندە 13 خىتاي شىركىتىگە مەبلەغ سېلىنغان. دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان 11 يەرلىك كۈتۈنۈش فوندى 4 رايون خاراكتېرلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىدا ئۆتكۈزگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش: سىزنىڭ يىغقان پۇللىرىڭىز خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 22-نويابىر.

جوننىي پاتتېرسون مەزكۇر دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئالدىنقى قاتاردىكى مۈلۈك باشقۇرغۇچىلارنىڭ كەم دېگەندە 13 شىركەتتە پېيى بار. ئۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر، بەزىلىرى بولسا شىنجاڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت سىستېمىسىغا چېتىشلىق بولغان شىركەتلەر. بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. كارخانا رەھبەرلىرى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى، بىز ئېنىقلىغان شىركەتلەرنى ئۇلارنىڭ مەبلەش سېلىش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ھۆكۈمەت مەسىلە بار شىركەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان بىر قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ چېقىشى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئېرىشىشكە تىگىشلىك بارلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

مەزكۇر يىغىنغا ئەنگىلىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ئافزال خان (Afzal Khan)، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باشلامچىسى پاتىرىسىيا كارىيىر (Patricia Carrier) ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، پائالىيەتچىلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىكى پاكىتلارغا ئاساسەن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ئۈستىدە توختالغان.

رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر يىغىننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر قېتىملىق يىغىن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جوننىي پاتتېرسون ئۇلارنىڭ مەزكۇر يىڭى دوكلاتنى ئىلان قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلاشتۇر».

مەزكۇر دوكلاتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىشەنچىلىك پاكىتلار بىلەن دەلىللەنگەن 13 شىركەتنىڭ تىزىملىكى بىرىلگەن. ئامېرىكادىكى دۆلەت ھالقىغان مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى-مورگان ستەنلېينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان خىتاي شىركەتلىرىدە پېيى بارلىقىنى بايقىغان.

مەزكۇر دوكلاتتا ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى مەبلەغ سالغان شىركەتلەر ۋە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىشەنچىلىك پاكىتلار بىلەن دەلىللەنگەن شىركەتلەر ھەققىدە ناھايىتى تەپسلىي ئۇچۇرلار بېرىلگەن. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە كېيىنكى پىروگراممىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.