مۇتەخەسسىسلەر: «ئەنگلىيەلىك ۋىلوگېرلار خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىدى»
2024.10.07
ئەنگلىيەلىك ۋىلوگېرلارنىڭ دۇنيادا ئەڭ كۆپ دىققەت قوزغىغان رايونلاردىن بىرى بولغان، يەنى بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا قامالغان ئۇيغۇر ئېلىنى تور دۇنياسىدا تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «تىنچ، بەختىيار» ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ئەنگلىيەلىك تور چولپانلىرىدىن ئەلىن (Alan) ۋە شەننون (Shannon) ئىسىملىك ۋىلوگېرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېلىدە خۇشال ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ۋىدىيولار ئىشلەپ تارقاتقان. ئۇلار ئۆزلىرىچە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ «شىنجاڭ» ھەققىدىكى يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، ئۇ رايوندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا يېقىندىن ماسلاشقان.
ھالبۇكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، خورلاش ۋە سىياسىي تەربىيە (مېڭە يۇيۇش) ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق باستۇردى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەنىدى.
ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ، مائارىپچى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەلىن بىلەن شەننوننىڭ تارقاتقان ۋىدىيولىرى ھەققىدە كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«مەن يەرلىك ۋە چەتئەللىك تور چولپانلىرى، يەنى ۋىلوگېرلار (ۋىدىيو بىلوگېرلىرى) مەلۇم مەنپەئەت بەدىلىگە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ دېگەن پىكىرگە قوشۇلىمەن. ئەلىن بىلەن شاننوننىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئىشلىگەن ۋىدىيولارنى كۆرۈپ چىقتىم، ئۇلار خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشقان. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشى. ئەلىن بىلەن شەننون ئىشلىگەن ۋىدىيولاردا مۇنداق بىر مىسال بار. شاننون ئايرودۇرۇمنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ۋە باشقا قاتمۇقات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدۇ. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋىدىيوغا ئالىدۇ. بۇ نورمال ئەمەس. مەن ھەيران قالدىم. ئەلىن شىنجاڭدا بىخەتەرلىكنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ كۈنى (بىر كۈندە) ئۇنىڭ تەخمىنەن 15 قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنى دەيدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدا بىخەتەرلىكنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق گەپ قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ».
ئەلىن بىلەن شەننون بىر بازارغا كىرىش ئۈچۈن شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. بىرەيلەن بۇ ئەھۋال ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، «بازارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇلار كىرىپ چىققانلارنى تەكشۈرىدۇ» دېگەن ھەمدە ئۆزلىرىمۇ شۇ كۈنى تەخمىنەن 15 قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
ئەلىن بىلەن شەننون ۋىدىيولىرىدا خىتايغا كېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ پەقەتلا ساياھەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، ئاندىن ئۇلار ۋىدىيوسىدا «ئەگەر سىز پەقەت غەرب تاراتقۇلىرىنىڭلا گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، خىتايدىكى بۇ جاي ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان جايدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ياشاۋاتقاندەك قىلىدۇ. ھەممە ئىش نورمال. ئۇنداقتا بۇ جاي ھەققىدە نېمە ئۈچۈن سەلبىي گەپلەر بولىدۇ، چۈشىنەلمىدىم» دەيدۇ.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى ئەلىن بىلەن شەننوننىڭ بۇ پىكىرلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«بۇ تور چولپانلىرى، يەنى ۋىلوگېرلار (ۋىدىيو بلوگېرلىرى) ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم يەرلىرىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ياش بالىلار ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان. يەنى ۋىدىيولىرىدا خىتاينىڭ دېمەكچى بولغىنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق تاكتىكا. خىتاي بۇ تەشۋىقاتنى چەت ئەللىكلەر ئارقىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋىلوگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسىدىكى ‹شىنجاڭ ھېكايىسى› نى سۆزلەۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن پۇل تېپىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بەدىلىگە پۇل تېپىش ھەقىقەتەن قاملاشمىغان بىر ئىش».
ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان مۇخبىرلارنىڭلا ئەمەس، ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ھەر دائىم تەقىب نازارەتكە ئېلىنىدىغانلىقى، يەرلىك كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدىغانلىقى كۆپتىن بېرى مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم 2018-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بارغاندا ئۆزىنىڭ ساقچىلارنىڭ تەقىب قىلىنىپ سوراققا تارتىلغانلىقىنى، خالىغان يەرگە بېرىپ، خالىغان كىشى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە مېھمانخانىلارغا كىرىش ئېغىزىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى ۋە دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ۋىلوگېرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ھەمدە تەشۋىق قىلىشىدىكى مەقسىتى، بىرىنچىدىن خىتاي ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش، ئىككىنچىدىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى سۆزلىرىگە غەربلىكلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق رەددىيە بېرىش، ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى داۋاملىق ئىنكار قىلىش ئىكەن.