ئەنقەرەدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.07.09
Yighin-zali1-1024 تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

2009-يىلى 26-ئىيۇن كېچىدە خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يەرلىك خىتايلارنىڭ كالتەك-توقماقلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى بولغانىدى. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇلدىكى بۇ نامايىشقا توپىلاڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى قانلىق باستۇرغانىدى. مانا شۇ باستۇرۇشنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى ئەستە ساقلاش ھەم ئۇنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىدى.

5-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە «تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، تۈرك سىياسەت تەتقىقات ۋەخپىسى ۋە خەلقئارا ياش بىلىم ئادەملىرى تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىرى ھەم باشقا كۆپ ساندىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىردەك تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرماسلىققا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئەنقەرە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

5-ئىيۇل كۈنى گراند دورا (Grand Dora Hotel) مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بۇندىن 15 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزىي ئۈرۈمچىدە قەتلىئام بولدى. بىز بۇ قىرغىنچىلىقنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشنى توپىلاڭغا ئايلاندۇرۇۋېتىشى ۋە قانلىق باستۇرۇشى بىلەن ئاياغلاشقانىدى. بۈگۈن بىز بۇ قەتلىئامدا شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە خىتايدىن ھېساب سوراش مەقسىتى بىلەن بۇ يىغىننى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. گەرچە 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سالاھىيىتى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپتونومىيە ھېچ قاچان ئىجرا قىلىنمىغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلماي، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈنسايىن كۈچەيتتى. ئاخىرىدا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى.»

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان ئورتاق باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىدى. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسى بۇنىڭغا لەنەت ئوقۇشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەر خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا بۇنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا لەنەت ئوقۇيمىز. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي تەرىپىدىن ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆرمەت ۋە رەھمەت تۇيغۇمىز بىلەن ئەسلەيمىز. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا، سۈكۈتتە تۇرماسلىققا چاقىرىمىز.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئەنقەرە
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مەقسىتى بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىلمۇ ئالدىنقى يىللارغا ئوخشاشلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.