ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.11.15
enqere-2-jumhuriyet-kuni-02 تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» كۈنىنى خاتىرىلىدى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

12-نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 91 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. مانا مۇشۇ كۈندە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن يەتتە ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلار مەخسۇس ئويۇن تەييارلاپ 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلىدى. پائالىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى ئەيىبلەندى، شۇنىڭدەك «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!» دەپ خىتاب قىلىندى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ئەنقەرەدە ئۇلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنقەرەدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى پايتەختتىكى دۆلەت ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلماقتا. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە كونيا قاتارلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان.

ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئازغىنا ئۇيغۇر 2018-يىلىدىن تارتىپ مەزكۇر شەھەرنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قەدىرلەش ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسى ئاچقانىدى. ھازىر ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، جۇغراپىيەسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ ئۆگەتمەكتە. ئەنە شۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ يىل 12-نويابىر كۈنى 114 يىللىق تارىخقا ئىگە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ زالىدا مەخسۇس ئويۇن قويۇپ، ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»  كۈنىنى خاتىرىلىدى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئەنقەرە
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» كۈنىنى خاتىرىلىدى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

نۇزۇگۇم قاراخان، نادىر ئورخۇن ۋە رۇمەيسا قەشقەرى رىياسەتچىلىك قىلغان مۇراسىم ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش جەريانىدا جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەر ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچى داھىيلارنىڭ روھىغا قۇرئان تىلاۋىتى قىلىش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىز! ھەممىڭلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈن ۋە بۇ ئايلاردا تارىختا ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، بىزگە ئەركىنلىكنىڭ ۋە مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىتقان ئىدى. بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرۇپتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا پات يېقىندا ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەركىن، ھۆر ۋە دېموكراتىك شەرقىي تۈركىستاندا بىرلىكتە ياشايمىز.»

پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلاردىن ساتۇق بۇغرا قاراخان ئۆز نۆۋىتىدە پائالىيەت ئەھلىگە «ۋەتەن قەدرى» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

 ئارقىدىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر بىرى تۇرپان، ئاتۇش، كۇچا، ئاقسۇ، ئىلى، كورلا ۋە خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن بىرنى تاللاپ، شۇ جايدىكى مەشھۇر شەيئىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپى چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلىشى دىققىتىمىزنى تارتتى. بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئويۇن قويۇش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مەرھۇم ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ «ۋەتەن بىزنىڭ جېنىمىز» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر ئۇكىسى بىلەن بىرلىكتە مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ «ئاتلاندۇق» ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلاپ بەردى.

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى رەنا قاراخان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنقەرەدىكى ئانا تىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار يېشىغا قاراپ سىنىپلارغا ئايرىلغان. ئۇلار ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەندىن سىرت ھەر يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنى ۋە ئانا تىل كۈنىدە مەخسۇس نومۇر تەييارلاپ، تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»  كۈنىنى خاتىرىلىدى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئەنقەرە
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» كۈنىنى خاتىرىلىدى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بەكلا يۇقىرى ئىكەن. بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى كۈچىيىپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن ئانا تىل كۇرسى ۋە ۋەتەن دەۋاسىغا بولغان قىزىقىش كۈچەيگەن. ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور نامەتجان ئورخۇن ئەپەندى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسىدە تەربىيەلەشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەنقەرەدىكىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىستانبۇلدا خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم. ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا بۇ خىل كۇرسلارنى ئېچىپ كەلمەكتە. ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان مەلۇم ساندىكى كارخانىچى، تىجارەتچى، دوختۇر، سىياسىيون ۋە سەنئەت ئەربابلىرى بار. 1950-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان بولۇپ، ھازىر 2-ۋە 3-ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ 2009-يىلىدىن كېيىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سانى ئاشقان. نۆۋەتتە، ئەنە شۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىش، پەرزەنتلەرنى ئانا تىلىدا مۇكەممەل ئوقۇيدىغان ۋە يازىدىغان قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسى بىلەن تونۇشتۇرۇش مۇھىم مەسىلە بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.