تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى
2024.09.25
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 79-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان 25-سېنتەبىر ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، بىز بىلەن كۈچلۈك تارىخىي، مەدەنىي ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋىتى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز.»
تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ مەزكۇر باياناتى، بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۇيغۇرلارنى مەمنۇن قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ۋەكىللىرىنى رازى قىلالمىدى.
تۈركىيە «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى ئەردوغاننىڭ بايانىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىدە يېڭىلىق يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە يوللىغان يازما جاۋابىدا مۇنداق دېدى: «رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نۇتقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋېتىدۇ دېيىلگەن ئىدى. ئۇ، 36 مىنۇتلۇق نۇتقىنىڭ كۆپ قىسمىنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىل مەسىلىسىگە ئايرىدى. ئۇنى پەقەتلا زالدىكى تۈرك ھەيئەت بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئالقىشلىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقى توغرىسىدىكى باياناتى ۋە باشقا سۆزلەر كونا گەپنى تەكرارلاشتىن ئىبارەت ئىدى.»
ھالبۇكى، نوپۇزلۇق ئۇيغۇر سىياسەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەردوغان نۇتقىدا خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى مەسىلىسىنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا تەكىتلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم سىياسەتچى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بۇ نۇتقىدا سەمىمىيلىك يوقلۇق ئىكەن. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سەمىمىي بولغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرسا بولاتتى. چۈنكى مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.»
تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىرغىچە 14 قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان بولۇپ، پەقەت 4 قېتىملىقىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان. ئۇ پەلەستىن، روھىنگان ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قېتىملىقىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇ بۇ قېتىم پەلەستىن مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىسا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.