ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللىدى
2023.06.06

5-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ 18-قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشى يىغىنىغا كەلگەن «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى» ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 34 ئادەم قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر كونا شەھىرى، ھېيتگاھ جامەسى، كوناشەھەر ناھىيەسى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەنتىنى زىيارەت قىلغان.
500 يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ جامەسى ئىمام-خاتىپلىرى زىيارەت ئەھلىگە بۇ جامەدە جامائەتنىڭ بەش ۋاقىت نامازنى جايىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى، «ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن مەسچىت شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى» نى ئېيتقان.
«شىنجاڭ گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرگە كۆرە، مىسىر ۋە پەلەستىندىن كەلگەن ۋەكىللەر «ئۆزگەرتىپ ياسالغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن زوقلانغانلىقىنى، ھەر مىللەتنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى، دىندارلار بىلەن دىنسىزلارنىڭمۇ بىر يەردە بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرگەنلىكىنى» ماختاشقان.
خىتاي تەشۋىقاتلىرى «شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بۇ» دېيىش ئارقىلىق، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە بېرىپ كېلىۋاتقان خەۋەرلىرىنى يالغانغا چىقارماقچى بولغان.
«شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» ئەجەبا بۇمۇ؟ قەشقەرگە بارغان بۇ ئەرەب ئەللىرى ۋەكىللىرى قەشقەردە چېقىپ تاشلانغان مەسچىت-مازارلىقلارنى، ئۆتكەن يىلى دەل مۇشۇ كۈنلەردە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىنلا تۈرمە-لاگېرلارغا سولانغان مىڭلىغان ئىنسانلارنى بىلمەمدۇ؟
ئامېرىكانىڭ ئاقىللار مەركىزىدىن «كاتو ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەنچە خىتاي بۇ يەردە ئۆزىگە ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرگە خاس ئۇستىلىق بىلەن ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. خىتاي بىر ياقتىن ئۇيغۇرلار، ھەتتا تۇڭگانلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنسا، بىر ياقتىن بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شاھىدلارنى قورقىتىش ۋە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. خىتاي بىر ياقتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلسا، بىر ياقتىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا پۈتۈنلەي باشقا يۈزىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ تامامەن خىتاي توغرۇلۇق كۆز بويامچىلىق قىلىشتۇر» .
«ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى روبېرت مەككاۋ (Robert McCaw) ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كېلىشى ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىي خەلق مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئەھۋالدا ئىسلام دۆلەتلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ ئۇ جىنايەتنى يوشۇرۇشقا خىزمەت قىلىشى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئەسلىدە ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دىنداشلىرى ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بۇنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن قويۇشى، خىتاينىڭ مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى گەپ قىلىشى كېرەك ئىدى. بىز مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى چەتئەلدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ياخشىراق بىر ئىش قىلىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتىمىز» .
خىتاي بىر ياقتىن ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يېنىغا تارتسا، بىر ياقتىن خىتايدا دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ يوقلۇقىنى، «مۇسۇلمانلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆمەكلىرىنى خىتايغا داۋاملىق تەكلىپ قىلىپ، غەرب ئەللىرىگە تاقىغان ئىشىكىنى ئۇلارغا كەڭ ئېچىۋەتكەن.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن، 30 ئۆلىمادىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇلارنى «دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كېڭىشى» ئۇيۇشتۇرغانىدى. مەزكۇر كېڭەشنىڭ رەئىسى ئېلى راشىد ئەل نۇئەيمى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى ماختىغانىدى.
مۇستافا ئاقيول ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دائىم دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئەمەس، بەلكى ئەرەب ئەللىرىدىن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپ قىلىشى خىتاينىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تەشۋىقات ئۈچۈن ئىكەن. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكا ياكى ياۋروپادا مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر ئىش يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنى ئەينەن يازغىلى، تىۋىتتېرغا چىقارغىلى بولىدۇ، كىشىلەر تىۋىتتېردا بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىدۇ. تېلېۋىزىيە ۋە تور قاناللىرى بۇنى ئەركىن خەۋەر قىلىدۇ، ھەممە نەرسە ئايدىڭ. ئەمما خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتتە سىز خەۋەرنى قامال قىلىسىز، ئاندىن دۇنياغا ئۇنى باشقىچە كۆرسىتىسىز، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىسىز، كۆز بويامچىلىق قىلىسىز. خىتاي دەل مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي ۋەكىللىرى بۇ ساختا ئۇچۇر دامىغا چۈشتى» .
«ئىسلام دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ۋەكىللىرى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى ئوغۇساق كەنتىنى زىيارەت قىلغان؛ بۇ كەنت 150 يىللىق چالغۇ ئەسۋاب ياساش تارىخىغا ئىگە جاي بولۇپ، 2000-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خىتاي شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتى» دەپ نام بېرىلگەن، 2011-يىل «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە قوغدىلىدىغان ئۈلگىلىك جاي» بولۇپ باھالانغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۇداننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بۇنى كۆرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپتۇ» دەپ ماختاپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلار چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى كۆرمىگەن؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنى موزېيخانىغا تىقىۋەتكەنلىكىنى، بەزىلىرىنى ساياھەت نۇقتىلىرىدا پۇل تاپىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلمىگەن ياكى بىلىشنى خالىمىغان.
ئەرەب ۋەكىللىرىنىڭ كۆرگىنى ھەرگىز دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن يىللاپ كېسىلگەن، تۈرمە-لاگېرلاردا يېتىۋاتقان ياكى زاۋۇتلاردا قۇلدەك ئىشلەۋاتقانلار ئەمەس، بەلكى شۇ كۈنىلا دوپپا كىيگەن، ئۇسسۇل ئوينىغان ياكى قول ھۈنەرۋەنلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكىنى كۆرىدىغانلار، يەپ-ئىچىپ ئوينايدىغانلار، ئويۇن-تاماشا قىلىپ كېتىدىغانلارنى تەكلىپ قىلىپ، «ئات ئۈستىدە گۈل سەيلىسى قىلدۇرۇپ» ئاندىن يولغا سالغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندى ئېلىپ، ئاتالمىش «ھەقىقىي شىنجاڭ» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.
روبېرت مەككاۋنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۇنيالىق مەنپەئەتنى ۋە راھەت-پاراغەتنى كۆزلەپ خىتايغا يان بېسىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، ئۆزىنىڭ دىنىي قىممەت قارىشىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك، بولمىسا تارىخنىڭ لەنەت تامغىسى بېسىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ھەر بىر دۆلەت ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالدىرايدۇ. ھازىر مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتايغا چاپان يېپىۋاتىدۇ ۋە بۇ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن دەپ ئويلاۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينى تۈركىي خەلق مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى يەنىلا خىتاينى ھىمايە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى بۇ قىلمىشىنى قايتا دەڭسەشكە ۋە ئۇنىڭ تارىخقا قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى ئويلاشقا دەۋەت قىلىمىز».