فىرانسىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتى - «دېكاتلون» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.10
Decathlon-parizh-tenterbiye-AFP فىرانسىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش شىركىتى بولغان دېكاتلون (Decathlon) نىڭ پارىژنىڭ شەرقىدىكى مونترېئۇلدىكى بىر دۇكىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 13-يانۋار، پارىژ
AFP/Martin LELIEVRE

فىرانسىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش شىركىتى بولغان «دېكاتلون» نىڭ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مال زاكاز قىلىدىغانلىقى ۋە «دېكاتلون» نى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «ئۇيغۇر ئېشىنچا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پىروگراممىلىرىغا قاتناشقانلىقنى ئاشكارىلىنىپ، فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان.

دۇنيادىكى 70 دىن ئارتۇق دۆلەتتە 1700 دەك تارماق دۇكىنى بولغان ۋە فىرانسۇز خەلقى مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان «دېكاتلون»، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىد ئوبيېكتى بولماقتا، شۇنداقلا فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا نىشانلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيەنىڭ «Dislose» ۋە «Fransiye 2» ناملىق ئىككى ئاخبارات قانىلى، «دېكاتلون» نىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىش ئەھۋالى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ تۈرلەر بىلەن بولغان باغلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرگە ئېرىشكەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئاخبارات قانىلى دېكاتلوننىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچىسى بولغان «چىڭداۋ جىفا شىركىتى» دە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئورۇندا ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى بايقىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر شىركەت خادىمى مەھسۇلاتلىرىغا «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭدەك يەنە «چىڭداۋ جىفا» نىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى تارماق مال تەمىنلىگۈچى شىركىتى بولغان «شىنجاڭ شىروڭ شىركىتى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، «شىنجاڭ شىروڭ» نىڭ «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ۋە يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش تۈرلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەن. ئالاقىدار دەلىللەرنى ئانالىز قىلىش ۋە تەھقىقلەشكە قاتناشقان ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 7-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «دېكاتلوننىڭ مۇھىم تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى، چىڭداۋنى بازا قىلغان ‹چىڭداۋ جىفا گۇرۇھى› دۇر. ‹چىڭداۋ جىفا› نىڭ شىنجاڭ بىلەن، بولۇپمۇ ‹شىنجاڭ شىروڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى› بىلەن تەمىنلەش ۋە تەمىنلىنىش ئالاقىسى بار. بىر جەھەتتىن ‹چىڭداۋ جىفا› نىڭ شىنجاڭ پاختىسى ئىشلىتىدىغانلىقى شىركەت خادىمى ۋە يوشۇرۇن تارتىلغان بىر ۋىدىيو ئارقىلىق دەلىللەنگەن».

ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، «شىنجاڭ شىروڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىگە قاتناشقان ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «ئىككىنچىدىن، ‹شىنجاڭ شىروڭ› شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە مەشغۇلات قىلىدىغان كارخانا، ئۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ كەسپىي ماھارەت ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى كارخانىلارغا پىراكتىكىغا ئەۋەتىش تۈرى بىلەن باغلىنىشى بار. بۇلار قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر كۇرسانتلار بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ قانداق بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقى ۋە بۇ بېسىمنىڭ مەزكۇر شىركەت تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.»

بىز 7-فېۋرال دېكاتلون شىركىتىگە خەت يېزىپ، «شىنجاڭ شىروڭ» نىڭ «چىڭداۋ جىفا» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش تۈرىگە قاتناشقانلىقىغا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. دېكاتلون شۇ كۈنى مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ «چىڭداۋ جىفا گۇرۇھى» بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دېكاتلون ئىشىتىۋاتقان پاختىلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز ھەر كۈنلۈك مەشغۇلاتلىرىمىزدا، قىممەت ھالقىمىزدا ۋە زەنجىرىمىزدە بىر پۈتۈنلۈككە ۋە نېگىزلىك ھەقلەرنى قوغداشقا دۇرۇستلۇق بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.»

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، دېكاتلون «چىڭداۋ جىفا گۇرۇھى» نىڭ قارمىقىدىكى شەندۇڭ چىڭداۋ جىفا خۇاشىن ئۇرچۇق شىركىتى، چىڭداۋ جىفا ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى ۋە ياڭگۇ جىفا خۇاشىڭ ئۇرچۇق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. باياناتتا «بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ يىپ ۋە رەختلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېكاتلون تەمىنلەيدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما «بىز ‹شىنجاڭ شىروڭ› غا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردىن خەۋىرىمىز بار، بىز بۇ مەسىلىلەرگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز» دېيىلگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، «دېكاتلوننىڭ ‹شىنجاڭ شىروڭ› بىلەن ھېچقانداق سودا ئالاقىسى يوق» ئىكەن. ھالبۇكى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى، پائالىيەتچى دىلنۇر رەيھان، بۇ دوكلات دېكاتلوننى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشتا مەلۇم شەكىلدىكى ئېنىق دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. دىلنۇر رەيھاننىڭ 7-فېۋرال بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار باشقا تەشكىلاتلار ۋە قانۇنچىلار بىلەن دېكاتلوننى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى 2021-يىلىدىن بېرى ئىككى فىرانسىيە ئاممىۋى تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ، فىرانسىيە سوتىغا 12 خەلقئارالىق ماركا ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. ئۇلار بۇ 12 خەلقئارالىق ماركىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇلار «زارا»، «يۇنىكلو»، «نايكې» قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق ماركىلار ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر نەتىجىسى چىقمىغان ئىدى.

ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە دەلىللەر ما شىڭرۈينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللاش ئەھۋالى كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ما شىڭرۈينىڭ سىياسىتى بويىچە، يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەندەك قىلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتايىن چوڭ سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. ئۇنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي قايتا شەكىللەندۈرۈشتۇر. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ناھايىتى جىددىي سىياسىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز».

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ دوكلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسى ئۆتكەن يىلى قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر، 2027-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ قانۇن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتىكى مۇھىم تەدبىر، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما دىلنۇر رەيھان، مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلىشىگە سوئال قويماقتا، دەيدۇ. دىلنۇر رەيھان يەنە، «مەن بۇ قانۇن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە جاۋاب بېرەلمەيدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ قانۇن يەنىلا بەك ئاجىز. ئەسلى ئىمپورت مەھسۇلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ۋەزىپىسىنى ئامېرىكاغا ئوخشاش شىركەتلەرگە ئارتىشى كېرەك ئىدى» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.