فىرانسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قارار لايىھەسى» ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
2023.06.01
فىرانسىيە يۇقىرى پارلامېنتىدا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن پارلامېنت ئەزاسى مېلانى ۋوگېل (Mélanie Vogel) ۋە گۇيلاۋمې گونتارد (Guillaume Gontard) تەرىپىدىن بۇ يىل 16-يانۋار پارلامېنتقا سۇنۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قارار لايىھەسى» ، 1-ئىيۇن كۈنى مۇزاكىرىگە قويۇلغان ۋە بېلەت تاشلانغان. مەزكۇر قارار لايىھەسى بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان 144 ئاۋازنىڭ تولۇق قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.
مەزكۇر قارار لايىھەسىدە، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا بازىرىغا ئىمپورت قىلىنغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكى، فىرانسىيە ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەك، ماشىنا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمال قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پارلامېنت ئەزاسى مېلانى ۋوگېل قارار لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا تارقاتقان يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. بۇ قارار لايىھەسى چوقۇم ھەرىكەتكە ئايلىنىشى كېرەك.»
مېلانى ۋوگېل مەزكۇر قارار لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن نەق مەيداندىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۈگۈن فىرانسىيە پارلامېنتىدا روياپقا چىققان ئىش ( «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان ماللارنى چەكلەش قارار لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشى) خەلقئارالىق سەۋىيەدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش يولىدا بېسىلغان ناھايىتى مۇھىم قەدەم. بىز ئۇزۇندىن بېرى ساقلاۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا دائىرىسىدە چەكلەش مېخانىزمىنى ماقۇللىدۇق. فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كېرىشىنى چەكلەشتە ئۈنۈملۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن، ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدۇق. قارار لايىھەسىدە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا كومىسسىيونى ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىزە بويىچە ئەمەس، ئامېرىكا يولغا قويۇۋاتقان ئەندىزە بويىچە ئىش كۆرۈش تەلەپ قىلىندى. ياۋروپا بازىرىغا كىرگۈزمەكچى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزمەكچى بولغان شىركەتلەرگە يۈكلەش كېرەك.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنى دېيەلەيمەنكى، ئەگەر قارار لايىھەسىنى ئوقۇسىڭىز، مەزمۇنى ھەقىقەتەن كۈچلۈك. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلدى. بىزنىڭ ئۇچۇرىمىز شۇكى، بىزمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا ئوخشاش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.»
ئامېرىكادا 2021-يىلى 24-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئامېرىكادا ئۇيغۇر رايونىدىن ئىمپورت قىلىنغان ھەرقانداق مەھسۇلات قاچان ئۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ياسالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمىگۈچە، ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىن ئامېرىكاغا كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يۈك سانى 3237 كونتېينېر، قايتۇرۇلغىنى 424 كونتېينېر ئىكەن. بۇ ماللارنىڭ ئىچىدە ئېلېكتر سايمانلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا پاختا-توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، دورىگەرلىك ماتېرىياللىرى، ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىقلار ئىكەن.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، مەزكۇر قارار لايىھەسىنى فىرانسىيە پارلامېنتىغا سۇنۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دوكتور دىلنۇر رەيھان مەزكۇر قارا لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ فىرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى تەسىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئاخىرىدا مېلانى ۋوگېل ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى باشقا پارلامېنتلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن باشقا دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭمۇ بىزنىڭ بۇ لىنىيەمىزگە ئەگىشىشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى سودا سىياسىتىمىزنى قارار قىلىدىغان ھۆكۈمەتلىرىگە بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىزدا چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز بىر تەرەپتىن داۋام قىلىۋاتقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جىنايەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايسىز! »
فىرانسىيە پارلامېنتى 2022-يىلى 1-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ۋەھشىيلىكلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ئىدى.