فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن
2023.09.12
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى بۇ يىل 7-ئايدا قەشقەرگە قىلغان زىيارىتى ئاساسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇزۇن بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەقىل زىيارەت قىلالىغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئاساسىدا تەييارلانغان بۇ خەۋەر كۈچلۈك دىققەتكە ئېرىشتى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار رايوندىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇندا غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە يەكەن ناھىيەسىدىكى 4 يېزىغا بارغان. بۇ يېزىلار تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ خىتاينىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن ئىشلىگەن تەتقىقات دوكلاتىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر زور بولغان يېزىلار بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە تۇتقۇنلارنىڭ ئۆي ئادرېسلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. مۇخبىرلار بۇ ئادرېسلارغا ئاساسەن تۇتقۇنلارنىڭ تۇرالغۇ ئادرېسلىرىغا بارغاندا نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ يەنىلا قۇلۇپلاقلىق تۇرغانلىقىنى، ئۆيلەرنىڭ تاشلاندۇق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، كوچىلارنىڭ بوشلۇقىنى كۆرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ زىيارىتى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىگە مايىل دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ۋەكىللىرىنى رايوندا زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ۋە ھەتتا بەزى خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېردىن ئىبارەت كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئاياغلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىتلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى، دەيدۇ. ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى:
«بۇ زىيارەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى، ئۇ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. چۈنكى مۇخبىرلار ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› دىكى تۇتقۇنلار تىزىملىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئىزدەپ بارغان، ئىشىكلىرىنى چەككەن. ئەمما مۇخبىرلار تاشلىنىپ كەتكەن ئۆيلەرنى، چۆلدەرەپ قالغان يېزىلارنى كۆرگەن. چۈنكى نۇرغۇن ئۇيغۇر تېخىچە غايىب. مانا بۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ تېخىچە ئاياغلاشمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. »
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى زىيارىتىدە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ناملىق تۇتقۇنلار تىزىملىكىدە يەر ئالغان ئابدۇقاھار ئەبەيدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېقىش ئۈچۈن يەكەننىڭ بوستان يېزىسىغا بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىغان. مۇخبىرلار ئۇ يەردە بىر توپ پايلاقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قوللىرىدا گۈرجەك-توقماق كۆتۈرۈۋالغان بۇ كىشىلەر مۇخبىرلارنى كېتىشكە قىستىغان. ئۇلار يەنە مۇخبىرلارنىڭ كەنت ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۇلاردىن سوئال سورىشىغىمۇ يول قويمىغان.
مۇخبىرلار يەكەندە تۇتقۇن ئەڭ ئېغىر بولغان باشقا 3 يېزىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئوخشاش مەنزىرىگە دۇچ كەلگەن. مۇخبىرلار نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ قۇلۇپلانغان، تاشلاندۇق ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ يەردىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە 5 ئاپتوموبىل ۋە ئونغا يېقىن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى كىرىۋالغان. ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ ئاھالىلەر بىلەن پاراڭلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كوچىدىكى كىشىلەرنى ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، پايلاقچىلار ئارىسىدىكى بىرى ئارالنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ، مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن سوئال سورىماقچى بولغاندا بۇ كىشى دەرھال موتوسىكلىت بىلەن قېچىپ كەتكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم «چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭدىن خەۋەر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى لۇئىسا گىرېۋنىڭ دېيىشىچە، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە لاگېرلارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ خالىغان جاينى زىيارەت قىلالماسلىقى ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق باياناتچىسى دېگىنىگە زىت. بۇ مۇخبىرلار خاتىرجەم زىيارەت قىلالمىغان، كىشىلەردىن سوئال سورىيالمىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى رايوندا لاگېرلارنىڭ ۋە ياكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەپ بەرگەن. مانا بۇ ئىنتايىن مۇھىم. »
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يەكەندىكى زىيارىتىدە دوكلاتلاردا قەيت قىلىنغان جەمئىي 26 تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بارغان ۋە ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 10 نىنىڭ ھېلىھەم ئوچۇقلۇقىنى كۆرگەن. ئۇلار يەنە يەكەندە بىخەتەرلىك كامېراسى ئورنىتىلغان، تىكەن سىملىق ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، بىخەتەرلىك تەدبىرى يۇقىرى لاگېرلارنىمۇ بايقىغان. مۇخبىرلار قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋە لاگېرغا ئوخشايدىغان بىر مەركەزنى كۆرۈپ ئۇنىڭ دەرۋازىسىغىچە ئاپتوموبىل بىلەن بېرىپ دەرۋازىدىكى ساقچىدىن «ئىچىگە كىرسەك بولامدۇ؟ » دەپ سورىغان. ساقچى ئۇلارغا «بۇ دېگەن تۈرمە، بۇ چەكلەنگەن رايون» دەپ ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.
دوكتور ئادرىيان زېنز كۆزدىن يىراق جايلارغا سېلىنغان بۇ لاگېرلار كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھازىرغىچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى، قانچىلىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەنلىكى، قانچىلىكىنىڭ ھېلىھەم غايىبلىقى بىزگە مۈجمەل بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىدىن قارىغاندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىنتايىن قاتتىق بولغان لاگېرلار كۆزدىن يىراق، ئادەم ئاسانلىقچە بارمايدىغان جايلارغا سېلىنغان بولۇپ، مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق مۇشۇ جايلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. »
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايقىغانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش مەۋجۇتلۇقى، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان رەقەملەرگە ئاساسلانغاندىمۇ ئاز دېگەندە يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يەنىلا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە، ھازىرغىچە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەرسىز ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن چېكىنگىنى ياكى ئۇنى توختاتقىنى يوق. خىتايلاشتۇرۇش بولسا بۇ سىياسەتلەرنىڭ مەركىزى. ئۇيغۇرلار جىمىقتۇرۇلماقتا ۋە ھازىرمۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. »
تەتقىقاتچى ماياۋاڭنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن مۇشۇنداق جىنايەتلىرىنى داۋام قىلىپ، يەنە بىر ياقتىن خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان زۇلۇمغا قارشى سادالارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئاكتىپ خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى قانداقتۇر «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى غەلىبە» ياكى «نامراتلىقنى تۈگىتىش غەلىبىسى» دېگەندەك ھېكايىلەرگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بىزنىڭ رىقابىتىمىز يەنىمۇ كەسكىنلەشتى، » دېدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى ئاكتىپ ھالدا بۇراش تىرىشچانلىقىنى قاتتىق ئاشۇردى. شۇڭا بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمدى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. »
8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شى جىنپىڭ كېسەك دۆلەتلىرى (BRICS) رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ قايتقان ھامان ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، رايوندىكى سىياسەتلەرنى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەنىدى. ئۇنىڭ نۇتقىدىكى مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى دەل «ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش» ھەققىدە بولغان. ئۇ: «شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. » دېگەن.
ئەينى چاغدا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ بۇنى مەخسۇس تەكىتلىشى رايوندىكى كۈچلۈك بېسىم سىياسىتىدىن نەتىجە ئېلىپ قىسمەن خاتىرجەم بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى رايوندىكى سىياسەتلىرىنى «يەڭ ئىچىدە» ، «ئاستا خاراكتېرلىك» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى زىيارەت دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ» داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى سۈپىتىدە باشقا نوپۇزلۇق خەلقئارالىق ئاخباراتلار تەرىپىدىنمۇ كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى.