ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار G7 دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان
2023.05.22
19-مايدىن 21-مايغىچە ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى، يەنى G7 يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلغان. مەزكۇر يىغىن ئەسناسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر يۈرۈش پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 7 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا 5 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تەدبىر ئېلىش مەجبۇرىيەتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، كانادا ۋە ئىتالىيەدىن ئىبارەت G7 دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مەزكۇر يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقى تەكىتلىگەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى 7 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى جەريانىدا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەدىكى خەلقئارا مەتبۇئات مەركىزىنىڭ يېنىدا بىر قانچە پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق. بۇنىڭدا بىر مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، بىر مەيدان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، ئاندىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو ئاپەتلىرى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى ئۈچ قېتىم قويۇپ بەردۇق. ئاندىن پۈتۈن كۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن كېيىن سىرتتا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق.»
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 7 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى جەريانىدا ياپونىيەدىكى تىبەت، موڭغۇللارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن سىرت، خىروشىماغا پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن بارغان تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىم بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە سىرتتا بىر قېتىم تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. يىغىننىڭ ئاخىرىقى كۈنى خىروشىما شەھىرىدىن توكيوغا قايتىشتا ناگويا شەھىرىدە توختاپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، ئاندىن توكيوغا قايتتۇق.»
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنىڭ بۇرۇنقى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىچىدە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە پائالىيەتلىرىمىز شۇكى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزى تەشكىللىگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەزالىرىدىن سىرت يەنە ياپونىيەدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادۋوكات ئەزاسى بولغان ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى _ كانتو ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىدىن ئىككى نەپەر ئادۋوكاتمۇ پائالىيىتىمىزگە قاتناشتى. ئۇلار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ‹ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانۇنىي يول بىلەن قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارىتا ياپونىيە قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا تايىنىپ قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بار؟› دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.»
ئۇ بۇ پائالىيەتلەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئاتوم بومبىسىنىڭ قۇربانى بولغان خىروشىما شەھىرىدە ئېچىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئۆزگىچە پائالىيىتىمىز، فىلىم قويۇش پائالىيىتى بولدى. خىروشىما دېسە، مەيلى ياپونلار بولسۇن، مەيلى دۇنيا خەلقى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئېسىگە كېلىدىغىنى ئاتوم بومبىسى پاجىئەسىدۇر. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئالدى بىلەن قىلغان ئىشى، 1945-يىلى يۈز بەرگەن بۇ ئاتوم بومبىسى پاجىئەسى توغرىسىدىكى ئابىدىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش بولدى. بىز خىروشىمانىڭ بۇ ئۆزگىچىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو ئاپەتلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش پائالىيىتىنى 3 قېتىم ئېلىپ باردۇق. ھەمدە بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملارنى كۆرسەتتۇق. بۇنى كۆپ ساندا مۇخبىر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسى كۆردى. ئۇلار بىزگە بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتىشتى.»
«7 دۆلەت رەھبەرلىرىگە نېمە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار؟ » دېگەن سوئالىمىزغا ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز بۇ يىغىن جەريانىدا 7 دۆلەت رەھبەرلىرىگە بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مەزكۇر 7 دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق 5 دۆلەت ۋە ئىتتىپاق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنى توختىتىش، جىنايى-جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەجبۇرىيىتى بار. بىز بۇنى ئەسكەرتتۇق ھەم بۇ يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلدۇق. يەنە بىرسى، مۇشۇ 7 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا قارىتامۇ كونكرېت چارە-تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، بۇ نىشانغا ئاساسەن يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خىروشىمادىكى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقا ياپون ئادۋوكات ساكوما ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇزۇن يىل تىبەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونلۇق بولىمەن. 2019-يىلى 7 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى ياپونىيەدە ئېچىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئىدىم. ئۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياپونىيەدە ئانچە بىلىنمەيتتى. ئۇنىڭ كېيىن ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر نەتىجىدە ياپونىيەدە خېلى ياخشى بىلىندى.»
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپ ساندىكى ياپونىيە ۋە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرى 2019-يىلىمۇ ياپونىيەدە بىر قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، شۇ قېتىممۇ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى.