فرانكفۇرتتىكى مۇھاكىمىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.05.20
frankfort-yighin-03 خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت شۆبىسى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ماي، فرانكفۇرت
RFA/Erkin Tarim

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت شۆبىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىنغا گېرمانىيەدىكى ۋۈرتزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بىيۆرىن ئالپېرمان (Björin Alperman) ئەپەندى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان 2 كىتابى نەشر قىلىنغان يازغۇچى ئالېكساندرا كاۋالىئۇس (Aleksandra Kaveli’us) خانىم، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى ۋە ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى شاھنۇرە قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان. يىغىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

گېرمانىيەدىكى ۋۈرتزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بىيۆرىن ئالپېرمان (Björin Alperman) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 16-ماي، فرانكفۇرت
گېرمانىيەدىكى ۋۈرتزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بىيۆرىن ئالپېرمان (Björin Alperman) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 16-ماي، فرانكفۇرت
RFA/Erkin Tarim

بۇ ھەقتە نەق مەيداندا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر جان ئەپەندى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەقسەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇلارغا ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈش ئىدى. »

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت شۆبىسى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ماي، فرانكفۇرت
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت شۆبىسى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ماي، فرانكفۇرت
RFA/Erkin Tarim

ئەنۋەر جان 16-ماي كۈنى فرانكفۇرتتا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، يىغىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پىروفېسسور بىيۆرىن ئالپېرمان ئەپەندى ئومۇمىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قاچان، قانداق بېسىۋالغانلىقى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىلمىي يوسۇندا چۈشەنچە بەردى. بىيۆرىن ئالپېرمان ئەپەندى يازغان ‹خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ۋە ئۇيغۇرلار› ناملىق كىتاب گېرمان تىلىدا 2023-يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرنەچچە كىتاب يازغان گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئالەكساندرا كاۋەلىئۇس خانىم ھەم ئۆزىنىڭ تەسىراتى، كىتاب يېزىش جەريانىدا لاگېردىن ساق قۇتۇلۇپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم ۋە باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇمى توغرىلىق ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا توختالدى. مەن ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختالدىم. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ خەلقىمىزگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدىم. »

ئەنۋەر جان ئەپەندى گېرمانىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ۋە رەھبەرلەر، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، شۇنداقلا گېرمانىيەدىكى رەھبەرلەر خىتاينىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گەرچە بىزنىڭ دېگەنلىرىمىزگە قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسىمۇ، ئەمما خىتايغا قارشى بىر چارە-تەدبىر قوللانمىدى. مەنچە بىز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياشلارغا، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇندىن كېيىن گېرمانىيەنى باشقۇرىدىغان ياش سىياسەتچىلەرنىڭ خىتايغا بولغان پىكرى ۋە چۈشەنچىسى پەرقلىق بولىدۇ ۋە ئۇلار گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئوخشىمايدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. شۇڭا گېرمانىيەدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك دېمەكچىمەن. »

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت شۆبىسى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ماي، فرانكفۇرت
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت شۆبىسى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ماي، فرانكفۇرت
RFA/Erkin Tarim

فرانكفۇرتتا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى شاھنۇر ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.