پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ دادىسىنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.10.23
abdurehim-gheni-xudaberdi-ailisi غېنى خۇدابەردى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە. 2005-يىلى 4-نويابىر
ئابدۇرېھىم غېنى

خىتاي دائىرىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بەزىدە يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، بەزىدە سۆزلىتىش، بەزىدە قەستلەش ئارقىلىق پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىمۇ خىتاينىڭ شۇ خىل تەھدىت ۋە ئىنتىقام ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانىدىكىلەردىن بىرى. ئابدۇرېھىم غېنىنى ئامستېردامنىڭ دام مەيدانىدىكى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەن خىتاي دائىرىلىرى 2017‏-يىلى ئۇنىڭ دادىسى غېنى خۇدابەردى، چوڭ ئاكىسى ئابلىكىم غېنى ۋە كىچىك ئاكىسى مىجىت غېنىلارنى تۈرمە ۋە لاگېرغا سولاش ئارقىلىق ئۆچ ئالغانىدى. نامايىش بىلەنلا توختاپ قالمىغان ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل ئالاقىدە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات ۋە گۇۋاھلىقلارنى بەرگەن.

ئابدۇرېھىم غېنى دادىسى ۋە ئىككى ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئۇققاندىن كېيىن دەنھاگدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرگەن ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە قىستىغان. شۇ كۈنى گوللاندىيە ساقچىلىرى ئۇنى ئەلچىخانا قورۇسىدا تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىر قانۇنىي جازا بەرمىگەن. ئەكسىچە شۇ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىنىڭ 5 يىل 6 ئاي ۋە 16 يىل 6 ئاي كېسىلگەنلىكى، ئىككى قېيىن ئاكىسىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردام شەھىرى دام مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردام شەھىرى دام مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
ئابدۇرېھىم غېنى

ئابدۇرېھىم غېنى بۇ يىل 4-ئايدا شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى نامايىش تەشكىللەۋاتقان ۋاقتىدا خىتاي دائىرىلىرى ئاكىسىنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغۇزۇپ، ئۇنى پىلانلاۋاتقان ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان. ئەينى چاغدا ئۇ بىر قاتناش قازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر نامايىشقا قاتنىشالماي قالغان. ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇنى تەھدىتنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراپ، بۇ يىل 7-ئايدا ئاكىسىنى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلغۇزغان، ئۇ تېلېفوننى ئالمىغاندىن كېيىن، ئاكىسى ئاغرىق ھالەتتىكى دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان ھالدا ۋىدىيو يوللاپ، ئۇنى شۇ كۈنلەردە پىلانلاۋاتقان پائالىيىتىدىن، يەنى دەنھاگدىكى دۇنيا پۇقرالار سوتىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان. ئابدۇرېھىم غېنى بۇ تەھدىتكە پەرۋا قىلمىغان، بەلكى بۇ تەھدىتنى خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە مەزكۇر سوتتا پاش قىلغان. بۇ سوتتىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە، ئۇ دادىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. گەرچە ئۇچۇر تولۇقسىز بولسىمۇ، مەۋجۇت ۋەزىيەتكە، شۇ سوتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، دادىسىنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى جەزم قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي ئاخباراتتا ئۇچۇر تارقاتقان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچتۇرپان بازارلىق ساقچى خادىمى، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ دادىسى غېنى خۇدابەردىنى تونۇيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما نەدە قانداق سەۋەب بىلەن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن دادىسى غېنى خۇدابەردى، ئۇچتۇرپاندا بانكىدىن پېنسىيەگە چىققان دۆلەت كادىرى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 7‏-ئايدا ئېكراندا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، لاگېرغا تەكرار ئېلىپ كېتىلگەن.

ئىلگىرىكى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپاندا ئاز دېگەندە ئۈچ ئورۇندا لاگېر بار بولۇپ، بۇلاردىن ئەڭ چوڭى كوڭتەي لاگېرىدۇر. كوڭتەي لاگېرىدا ئالدىنقى ئايغا قەدەر ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمى، بانكا خىزمەتچىسى غېنى خۇدابەردىنىڭ «تەربىيەلەش» تىكى مەزگىلىدە جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىدا پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ دادىسى غېنى خۇدابەردىنىڭ 82 يېشىدا لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.