غۇلجا بايتوقايدا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن 10 نەچچە كىشىنىڭ قايتا كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
2024.06.20
«شاھىت بىز» (يەنى «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئامبىرى» ) نىڭ قۇرغۇچىسى، تەتقىقاتچى جىن بۇنىن (Gene Bunin) نىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدىكى بىر ئانالىز ماقالىسىدە تور ئارخىپىدىكى قايتا جازالانغان كىشىلەردىن 18 نەپىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلاردىن ئىككى نەپىرى 2015-يىلى، سەككىز نەپىرى 2016-يىلى، ئۈچ نەپىرى 2017-يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇلار 2017-يىلى قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-ۋە 2021-يىلى جازا مۇددىتى تۈگىشى كېرەك بولغان ئىككى مەھبۇس جازاسى تۈگىمەيلا تۈرمىدىن قاماقخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇلارمۇ قايتىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. جىن بۇنىن ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن بۇيان مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بۇ قايتا جازالاشنى «ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەڭ ۋەھشىي ئىجرائاتلاردىن بىرى» دەپ كۆرسەتكەن.
بىز ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان قايتا جازالىنىش دېلولىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا غۇلجا ناھىيە بايتوقاي يېزىسىنىڭ چايچۈن كەنتىدىكى بىر مەھەللىدىنلا 10 نەچچە كىشىنىڭ جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ بولغان بولسىمۇ قايتىدىن جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئالاقىدار بىر كەنت ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 2000-يىللاردىن ئىلگىرى ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدا قانات يايغان مەشرەپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن «قانۇنسىز توپلىنىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ شۇ يىللاردىلا 10 نەچچە يىلدىن قاماققا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاردىن سادىقجان ئىسىملىك بىرسى ئەينى چاغدا 18 يىللىق كېسىلىپ 2016-يىلى جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ئىكەن. ئۇ قويۇپ بېرىلىپ بىر يىل ئۆتكەندە، يەنى 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ يەنە 18 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. يەنە بىر ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى سابىرجان قاتارلىق تۆت كىشى 2014-يىلدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ توققۇز يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. بۇلارمۇ بۇ يىل ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ھامان تۈرمىدىن قاماقخانىغا ئاپىرىلىپ قايتىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەجەبلىنەرلىكى، بۇلار بۇ قېتىم جازالانغاندا ئۇلاردا ھېچقانداق يېڭى جىنايەت بايقالمىغان، پەقەت ئىلگىرى جازا ئۆتىگەنلىكىنىڭ ئۆزى گۇناھ سانالغان. ئەمما كۆپىنچىسىگە نېمە ئۈچۈن جازالانغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن. دېيىلىشىچە، بۇ ئون نەچچە مەھبۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق جازا مۇددىتى ئىلگىرىكى جازا مۇددىتىدىن ئۇزۇن بولغان.
ئىلگىرى جازا مۇددەتلىرى ھەققىدىكى بىر قېتىملىق تور مۇنازىرىسىدە بۇ جازالارنىڭ قانۇن بويىچە ئەمەس، ئەكسىچە سىياسەتكە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى، شۇڭا ھۆكۈمدىكى مۇددەتنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقى، چۈنكى «سىياسىي مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولمىسا قىسقا كېسىلگەنلەرنىڭ مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سابىق مەھبۇس نامىدا تۇتقۇن قىلىنىپ قايتا كېسىلىدىغانلىقى» ھەققىدىكى تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.