داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف دۇنيا مۇسابىقىسىدە يەنە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2023.03.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Gimnastika-boyiche-dunya-chempiyoni-nariman-qurbanof-milad-karimi.jpg گىمناستىكا بويىچە دۇنيا چېمپىيونى نارىمان قۇربانوف(ئوڭدا) سەپدىشى مىلاد كارىمى بىلەن. 2023-يىل 11-مارت، باكۇ، ئەزەربەيجان.
RFA/Oyghan

9-مارتتا ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا باشلىنىپ، 11-مارتقىچە داۋام قىلغان گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىدا ئۇيغۇر گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف يەنە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئۇ ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدى.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، باكۇدا ئۆتكەن مۇسابىقىگە ئەنگلىيە، خوڭكوڭ، فىرانسىيە، خىتاي، سېربىيە، ئىتالىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق 48 دۆلەتتىن 173 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئەرلەر ۋە ئاياللار ماھىرلار گىمناستىكىنىڭ بەش تۈرى بويىچە ماھارەت كۆرسەتكەن. ئەزەربەيجاننىڭ ياشلار ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرلىكىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلنۇر مامېدوفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق مۇسابىقە ئەلدە 8-قېتىم ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ گىمناستىكىچى ئىشتىراك قىلغان.

11-مارتتا غالىب چىققانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدا گىمناستىكىنىڭ ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە قازاقىستانلىق نارىمان قۇربانوف ئالتۇن مېدال تاپشۇرۇپ ئالدى. ئىككىنچى ئورۇننى ئىرلاندىيەلىك رىس ماك كلېناگان، ئۈچىنچى ئورۇننى ئالبانىيەلىك ماتۋېي پېتروف ئىگىلىگەن.

بىر نەچچە مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى، خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى نارىمان قۇربانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «باكۇدىكى مۇسابىقە ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكەن ئۈچىنچى دۇنيا مۇسابىقىسى. بۇ جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيەلىك جەھەتتىن ئىنتايىن قىيىن بولدى. مەن تۇنجى قېتىم مۇنداق ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپتىمەن. ئۇلارغا تەييارلىق مەن ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەلۋەتتە، ياخشى بولدى. بىز ئىلگىرى دوخاغا بارغاندەك كوماندا بىلەن قاتناشتۇق. مىلاد كارىمى گىمناستىكادىن ئەركىن ئويۇن كۆرسىتىش بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئەتىسى مەنمۇ ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش بويىچە ئالتۇن مېدال ئالدىم. ئەلۋەتتە، مېنىڭ بۇ ئۇتۇقۇم قازاقىستان گىمناستىكاسىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ رىقابەتچىلىرىم بولۇپ ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بارلىق كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۈستىدىن قازانغان غەلىبەم مېنىڭ ماھارىتىمنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. ئەمدى مەن بىر ئاي دەم ئېلىپ ھەم مەشىقلىنىپ، مىسىردا بولىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ 4-باسقۇچىغا قاتناشماقچىمەن. ئۇ يەردىمۇ ئالتۇن مېدال ئېلىشقا تىرىشىمەن.»

نارىماننىڭ دادىسى، گىمناستىكا بويىچە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېر ھۈسەنجان قۇربانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «نارىمان بالام كىچىكىدىن چاققان، تىرىشچان بالا بولۇپ ئۆستى. ئۇ كىچىكىدىن گىمناستىكىغا قاتناشتى ۋە كۆپ تىرىشتى. نارىمان 17 يېشىدا تەنھەرىكەت ماھىرى بولدى، 20 يېشىدا دۇنيا چېمپىيونى بولدى. مۇشۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا ئۇ گېرمانىيەدە مىس مېدال، قاتاردا ئالتۇن، مانا يېقىندا باكۇدا يەنە ئالتۇن مېدال ئالدى. مەن دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم. نارىماننىڭ ئۇتۇقلىرى بىزنىڭ قازاقىستاننىڭ ئۇتۇقلىرى. ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ، تۇغقانلارنىڭ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماختىنىشى، پەخرى. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق خۇشال بولدۇق. نارىمان ئەمدى يەنە ياخشى تەييارلىنىپ، ئاسىيا ئويۇنىغا، 2024-يىلى ئولىمپىك ئويۇنىغا قاتنىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇنىڭغا چوڭ ئۇتۇق تىلەيمەن!».

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئېفرات ناسىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يېقىندىلا قېرىندىشىمىز نارىمان قۇربانوف گېرمانىيەدە مىس مېدال، ئاندىن قاتاردا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇنى ئاڭلاپ، بەكمۇ خۇشال بولدۇق. مانا ئەمدى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ شەھىرىدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە يەنە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. نارىمان قۇربانوف ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەنھەرىكەتچى، ھەقىقىي دۇنيا چېمپىيونى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ۋاقىتنىڭ قىسقا بولغىنىغا قارىماي، ئۈچ دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجە كۆرسەتتى. بۇنىڭ بارلىقى نارىماننىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆز مەقسىتىدىن ھېچ قاچان قايتمايدىغانلىقىنىڭ يارقىن ئىسپاتى، دەپ ئويلايمەن. بىز دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە قازاقىستاننىڭ شەنىنى قوغدىغان نارىمان ئوخشاش ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمىزدىن دائىم پەخىرلىنىمىز!».

خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، نارىمان قۇربانوف تۇنجى قېتىم 2018-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنىدى. بۇ ۋاقىتتىمۇ مەزكۇر مۇسابىقىگە بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.