گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمغا تۈركىيە سائادەت پارتىيەسىنىڭ «شەرەپ مېدالى» بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.11.18
gulbahar-jililowa-mukapat.jpg تۈركىيە سائادەت پارتىيەسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھاياتتا تۆھپە كۆرسەتكەن ئاياللار» مېدال تارقىتىش مۇراسىمىدا لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمغا بېرىلگەن «شەرەپ مېدالى». 2020-يىلى 14-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە سائادەت پارتىيەسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھاياتتا تۆھپە كۆرسەتكەن ئاياللار» مېدال تارقىتىش مۇراسىمىدا گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمغا «شەرەپ مېدالى» بېرىلدى. 14-نويابىر كۈنى مەزكۇر پارتىيەنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ۋە پارتىيەنىڭ ئاياللارغا مەسئۇل رەئىسى ئەبرۇ ئەسىلتۈرك خانىم باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرى، مېدال بېرىلىدىغان ئاياللار ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ «شەرەپ مېدالى» نى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئەخمەتجان سادىروف ئالدى. بىز مۇراسىم توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ مېدالنى تەسىس قىلغان سائادەت پارتىيەسىنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبىرى ئەبرۇ ئەسلىتۈرك خانىم، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر خانىملاردىن ئەزىزە قەشقەرلى خانىم، مېدالغا ئېرىشكەن گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلھەمىت پامىر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەبرۇ ئەسلىتۈرك خانىم ئالدى بىلەن «شەرەپ مېدالى» توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھەر يىلى ‹ھاياتتا تۆھپە كۆرسەتكەن ئاياللار› نامىدا مېدال تارقىتىۋاتىمىز. بۇ مۇكاپات 6 تۈر بويىچە بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ‹شەرەپ مېدالى› نى ئۆز كەسپىدە مۇۋەپپىەقىيەت قازانغان، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئاياللارغا بېرىۋاتىمىز.»

ئەبرۇ ئەسلىتۈرك خانىم بۇ يىل بۇ مېدالنى گۈلباھار جېلىلوۋاغا بېرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹شەرەپ مېدالى› بۇ يىل گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمغا بېرىلدى. ئۇنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر، دىنىي ئېتىقادى ئىسلام بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. 15 ئاي جەريانىدا لاگېردا ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە ئىسكەنجىگە ئۇچرىدى. گۈلباھار خانىم بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشلىرىنى جەسۇرلۇق بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل جەسۇرلۇقى ۋە قەھرىمانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا بۇ ‹شەرەپ مېدالى› نى لايىق كۆردۇق.»

بىز «شەرەپ مېدالى» بېرىلگەن، ھازىر فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ مېدالنى جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى، بولۇپمۇ جازا لاگېرىدا بىر كامىردا ياتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى نامىدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

14-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى سائادەت پارتىيەسى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېدال تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەزىزە خانىم چەت ئەلدە تۇرۇپ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قان ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمغا بېرىلگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سائادەت پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان 1984-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن كىشى ئىدى. مەزكۇر پارتىيە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان مەيدانىدا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان زور نارازىلىق نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ پارتىيە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى مېدال تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەمىت پامىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم بۇ يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيەدىن فىرانسىيەگە يېتىپ بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. گۈلباھار خانىم قازاقىستان پۇقراسى بولغىنىغا قارىماي خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى 15 ئاي ئۈرۈمچىدە جازا لاگېرىغا قامالغان. ئۇ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قازاقىستاندا، كېيىن بىر مەزگىل تۈركىيەدە تۇرۇپ، جازا لاگېرلىرى ھەققىدە تۈرك ۋە دۇنياۋىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.