گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ۋىزا ئېلىشى چەكلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.07.26
Gulshen-abbas-turme دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتنىشىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
Photo: RFA

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتا ئەدلىيە كومىتېتى رەئىسى دىك دۇربېن (Senator Dick Durbin) ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدا رول ئوينىغان بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ۋىزا ئېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەل مۇلازىمەتلىرىگە تەستىقلىنىدىغان راسخوتقا مۇناسىۋەتلىك 4797-نومۇرلۇق قانۇنغا تولۇقلىما ماددا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر تولۇقلىما ماددا بولسا 25-ئىيۇل كۈنى كېڭەش پالاتاسى تەقسىمات كومىتېتىنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن تەستىقلىنىپ، 4797-نومۇرلۇق قانۇننىڭ 222-بابىغا كىرگۈزۈلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. روشەن خانىم بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئىچىدە قاراتمىلىق كۈچى بولغان بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربېن بۇ ماددىنىڭ قانۇنغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى X تىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق جاكارلىغان بولۇپ، ئۇ تەقسىمات كومىتېتىنىڭ ئۆزى تەكلىپ قىلغان ماددىنى ماقۇللىغانلىقىنى قارشى ئالغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان:

«گۈلشەن ئابباس پەقەتلا سىڭلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ۋە رەھىمسىزلەرچە 20 يىللىق كېسىلگەن. كېڭەش پالاتاسى تەقسىمات كومىتېتى مېنىڭ تەكلىپىمنى بىردەك ماقۇللاپ، گۈلشەن ئابباسنى ناھەق تۇتۇپ تۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىشىنى چەكلىدى. گۈلشەن ئابباس دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك».

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم خىتاي لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاچىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلماقتا.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم خىتاي لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاچىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلماقتا.
campaignforuyghurs.org

روشەن ئابباس خانىمنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر قارار ھازىرقىدەك ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى بولۇش ئالدىدىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جانلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق قاراتمىلىقى يۇقىرى قارارلارنىڭ ئېلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتنىشىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن بۇ يىل 5-ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنگە ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭدىن گۈلشەن ئابباس قاتارلىق تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.