لاگېر شاھىتلىرى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.09.30
oslo-munbiri.jpg لاگېر شاھىتلىرى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنى گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 28-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.
Photo: RFA

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» 2009-يىلى باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان. شۇندىن بۇيان بۇ مۇنبەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە ھاكىم مۇتلەق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ئۈستىدە مۇنازىرىلەر بولىدىغان، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تونۇلغان شەخسلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسەت، سودا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى جەم قىلىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق سورۇنلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

2023-يىلى-28 سېنتەبىر كۈنى نىيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىغا، بۇ يىل ئىچىدە 2-قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

يىغىندىن كېيىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئېسىلغان سەھنىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان 1000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ نۇتقىنى دىققەت ئىچىدە ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگېر شاھىتلىرى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ يىغىن ئەھلىنى لەرزىگە سالغانىدى.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 2-قېتىم «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە سۆز پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى بۇ مۇنبەردە يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يىغىندا ئۆزلىرى بىۋاسىتە شاھىت بولغان، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە يولۇقۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاجىئەلىرىنى، لاگېرلاردا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاڭلاتقاندىن باشقا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلغان.

قەلبىنۇر خانىم يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەسىلىسىنىڭ يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ سەھنىدىكى نۇتقى ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ، يىغىن قاتناشچىلىرى دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چاقىرىقىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» 2009-يىلى تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى چاقىرغان. ئۇ ھازىر خەلقئارادىكى نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان نوپۇزلۇق سورۇنغا ئايلانغان. ھازىرغىچە بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلاردىن 2010-يىلى رابىيە قادىر خانىم، 2019-يىلى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، 2020-يىلى گۈلچېھرە خوجا، 2021-يىلى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات، 2022-يىلى جەۋھەر ئىلھاملار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.