كىرىس سىمىس: «خىتاينىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشتەك ۋەھشىي قىلمىشى چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.05.13
كىرىس سىمىس: «خىتاينىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشتەك ۋەھشىي قىلمىشى چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكۈزگەن «خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يېغىۋېلىش ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش» تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش تور يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس(Christopher Smith) ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2022-يىلى 12-ماي.
house.gov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 12-ماي كۈنى مۇتەخەسسىسلەر ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «خىتايدىكى ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يېغىۋېلىش ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش» دېگەن تېمىدا توردا ئىسپات ئاڭلاش يېغىنى ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر يېغىنغا ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشقا دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن لاگېرلار ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان «كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى» نىڭ مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمان (Ethan Gutman) ئەپەندى ۋە خىتايدىكى ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش قائىدىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان تەتقىقاتچى مەتىيۈ روبىرتسون (Matthew Robertson) قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى مەجبۇرىي ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەشكە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئېتان گۇتمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى 20 دىن ئارتۇق لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «لاگېردىن ئىككى خىل تۈردىكى كىشىلەر بالدۇر قويۇپ بېرىلگەن، بىرى 18 ياش ئەتراپىدىكى ياشلار. بۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن لاگېردىن يۆتكەلگەن. ئىككىنچىسى بولسا 25-ياشتىن 35-ياشقىچە بولغان ياشلار، ئاساسلىق 28 ياش ئەتراپىدا. بۇ ئىنساننىڭ فىزىكىلىق جەھەتتىن تازا يېتىلگەن ۋاقتى بولۇپ خىتاي دوختۇرخانا سىستېمىسى بۇ ياش ئۆلچىمىنى خىتاينىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن مۇۋاپىق، دەپ قارىغان. لاگېرلاردىكى ئاشۇ ياشلارغا قارىتىلغان دائىملىق قان تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەدەن تەكشۈرۈش دەل مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنىڭ مەلۇم كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈندۇر.»

مەتىيۈ روبىرتسون خىتاينىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش سىستېمىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئورگان كۆچۈرۈش سىستېمىسى ناھايىتى تىز تەرەققىي قېلىۋاتىدۇ. خىتايدا نەچچە مىڭلىغان ئورگان كۆچۈرۈش دوختۇرلىرى ۋە ئورگان كۆچۈرىدىغان دوختۇرخانىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي تور بەتلىرىدىن كۆرەلەيسىز. خىتايدا ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ناھايىتى تېزلا ماس كېلىدىغان ئورگاننى تاپالايسىز. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىدا قان تىپىغا ئاساسەن ساقلاش ۋاقتى بىر كۈندىن بىر ھەپتىگىچە دەپ يېزىلغان. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بولسا كىشىلەر ئادەتتە بۇ خىل ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن ئەڭ ئاز نەچچە ئاي ۋە نەچچە يىل ساقلايدۇ.»

يېغىن داۋامىدا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرى ياردەمچى كاتىپى روبىرت دېسترو (Robert Destro) سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئورگانلار تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋالغان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەپ كەلدى. ياۋروپا پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان ۋە باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ۋە يۆتكەپ سېتىش سودىسىنى تەنقىد قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.»

يىغىنغا ئۆتكەن يىلى 9-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىسمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتكەن.

2019-يىلى خىتاينىڭ ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى قۇرۇلغان بولۇپ، جېففېرى نايىس ئەپەندى بۇ كوللېگىيەنىڭ باش تەپتىشلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق بەدەن تەكشۈرۈشى، DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ئىچكىي ئۆلكىلەرگە يۆتكىشى بىلەن خىتايدا ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش سىستېمىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنۋەر توختى ئەپەندىمۇ مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى توغرىلىق مەلۇمات ئاڭلاتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «30 ياشلاردىكى بىر ئەر ئەر كىشىنىڭ بەدىنى ئىدى. ئوق ئۇنىڭ مەيدىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تەگكەن. مەن سېسترالار تەييارلاپ بەرگەن سىزىق بويىچە ئۇنىڭ بەدىنىنى كېسىشكە باشلىدىم. تومۇردىكى قانلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دېمەك، ئۇنىڭ يۈرىكى تېخىچە قان يەتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ بەدىنى جان تالىشىۋاتاتتى. ئۇ تېخى ھايات ئىدى.»

مەزكۇر يېنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن ‹ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى› نى دۆلەت مەجلىسىگە سۇندۇم. مۇشۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىسپاتلار بۇ لايىھە ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم. باياتىن مەتىيۈ روبىرتسون ئەپەندى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، خىتايدا 2023-يىلى ئىچكىي ئەزا ئىئانە قىلغۇچىلاردىن كۆچۈرۈشكە تەييار 50 مىڭ ئىچكىي ئەزانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. خىتايدا ئىچكىي ئەزا ئىئانە قىلىش سىستېمىسى بولمىسا، بۇ ئىچكى ئەزالار نەدىن كەلدى؟ بۇ خىتايدا ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى سۇغۇرۋالىدىغان ۋەھشىيانە قىلمىش تېخىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ، بازار چوڭىيىۋاتىدۇ، بۇ خىل جىنايەتكە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكالىقلارمۇ بىلىپ-بىلمەي شېرىك بولۇۋاتىدۇ، دېگەن گەپ! شۇڭا بىز خىتاينىڭ بۇ خىل ۋەھشىيانە قىلمىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ‹ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى› نى تېزدىن ماقۇللىشىمىز كېرەك.»

ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قىلمىشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ «ھالال ئىچكىي ئەزا» سودا ئېلانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالغانلىقنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشى تەلەپ قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.