دولقۇن ئەيسا «خالىفاكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»دە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.11.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
halifakis-dolqun-eysa-1.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ 2022-يىللىق يىغىنىدا، 2022-يىلى 18-نويابىر، خالىفاكىس، كانادا.
RFA screenshot from Youtube

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئ‍ارادىكى نۇپۇزلۇق بىخەتەرلىك يىغىنلىرىدىن بىرى بولغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ 18-نويابىر باشلانغان 2022-يىللىق يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا 6 يىل بولاي دېگەن، شۇنداقلا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھازىرمۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جىنايەتنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. بۇ بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ «خالىفاكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە 3 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى، نۇتۇق سۆزلىشى، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل دۆلەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى بىلەن بىر سەھنىدە سۆز قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

كانادانىڭ نوۋا سكوتىيە ئ‍ۆلكىسىدىكى خالىفاكىس شەھىرىدە باشلانغان بۇ يىغىندا دولقۇن ئەيسا كانادا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئانىتا ئاناند، ئېستونىيە پرېزىدېنتى ئالار كارىس، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېئىن شېھىنلارنىڭ قاتارىدا يىغىن سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ سۇئال-جاۋاب شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن كانادالىق سىياسەت مۇتەخەسىسسى جېينىس ستەيىننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ يىغىندا، دۇنيانىڭ پەقەت ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىكلا مۈشكۈل بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەيۋاتقانلىقى، بەلكى خىتاينىڭ سەۋەبىدىن كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىستىبداتلىقنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تارقىتىشىغىمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ 6 يىلدىن بېرى 3 مىليوندىن ئ‍ارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

halifakis-dolqun-eysa-2.jpg

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت زېلېنىسكىي بىخەتەرلىك قەيەردە، دەپ سۇئال قويدى. لېكىن بىخەتەرلىك ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس. بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇش قوزغىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس. نۆۋەتتە بىز پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ۋاقىتتا تۇرۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ پەقەت ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە تاجىسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىنلا بولمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۈگۈن دېموكراتىيەمۇ تەھدىتكە ئۈچراۋاتىدۇ. مۇستەبىت دۆلەتلەر، بولۇپمۇ خىتاي كىلىمات ئۆزگىرىشىدە دۇنياغا تەھدىت سالماقتا. خىتاي رۇسىيە بىلەن چەكسىز دوستلۇققا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان ئۇرۇشىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئاستىرتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. خوڭكوڭدا دېموكراتىيەگە خاتىمە بېرىلدى، بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا شاھىت بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىش قىلمىدى. بۈگۈن تىبەت خەلقى ئىزتىراپ چېكىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرگە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزدى. ئۇيغۇرلارنى ئالساق، 2016-يىلىدىن بۇيانقى 6 يىلدەك ۋاقىتتىن بېرى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن 75 يىل ئاۋۋال دۇنيا رەھبەرلىرى يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەرگەن. ئەپسۇسكى، بۇ قىرغىنچىلىق يەنە قايتا يۈز بەردى. دۇنيا بۇنىڭغا شاھىت بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۈكۈت قىلماقتا.»

دولقۇن ئەيسانىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە خەلقئارادا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارىتا چۇقانلار كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نوقۇل سۆزلەپ قويۇش كۇپايە قىلمايدىكەن. ئۇ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئىستىبداتلىقنى ئېكىسپورت قىلىۋاتقانلىقى، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «يالغۇز سۆزلەپ قويۇشلا (خىتاينىڭ) بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشىغا كۇپايە قىلمايدۇ. خىتاي ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكولۇقلارنى باستۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلماقتا. خىتاينىڭ ‹ بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى شى جىنپىڭنىڭ غايىسى بولۇپ، ئۇنىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىك قۇرۇلۇشىدۇر. شۇڭا نۆۋەتتە شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكياندىكى خىتايغا قوشنا ھېچقانداق بىر دۆلەت بىخەتەر ئەمەس.»

يىغىندا، كانادا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئانىتا ئاناند، كانادا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارىتا ئ‍ىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانىتا ئاناد مۇنداق دېدى: «تور، ئېنىرگىيە، ھەربىي ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇھىم بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەممىدىن ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بەكمۇ مۇھىم. بىز خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇرۇن ئ‍ۆزلىرىدە بولمىغان سانائەت ساھەلىرىنى ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.»

ئانىتا ئانادنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ خىتاي كانادا تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىگىلەشكە بەكرەك ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. ئانىتا ئاناند بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كانادا شىركەتلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بولۇپمۇ بىزنىڭ ھالقىلىق مېنىرال بايلىقلىرىمىزنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. شۇڭا بىز دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەققىدە توختالغان ۋاقتىمىزدا، ئ‍ىختىسادىي بىخەتەرلىكىمىز ھەققىدىمۇ توختىلىشىمىز بەك مۇھىم.»

«خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا تۇنجى قېتىم دولقۇن ئەيسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىل تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلدى. يىغىننىڭ شۈ كۈنىدىكى كەچلىك مۇزاكىرىسىدە تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت، «خادسۇن ئىنىستىتۇتى»نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل سۆز قىلدى. دولقۇن ئەيسا يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختىنىڭ 18-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، «خالىفاكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ بۇ يىللىق يىغىنىدا بىراقلا 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سۆز قىلىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ئۇچرىشىشلاردا مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى، شۇنداقلا خەلقئارا بىخەتەرلىككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

مەمەت توختىنىڭ ئېىتىشىچە، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇھىم خەلقئارا سورۇنلاردا مۇۋاپىق ئورۇن بېرىش زۆرۈرىيىتىنى ئەمدى تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. مەمەت توختى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئالىي بىخەتەرلىك ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، بولۇپمۇ مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتىن كېيىن، بۇنى تاشقىي دۇنيامۇ تونۇپ يېتىپ، بۇنىڭغا زۆرۈر بولغان ئىنكاسنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى لايىق بولغان سەۋىيەدە خەلقئارا ئورگانلاردا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا ئەمدى كېلىۋاتىدۇ.»

«خالفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ يىغىنى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز قىلىشى، ئامېرىكا پرېزىدنېتى بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ 14-نويابىر كۈنى ھىندونېزىيەدە كۆرۈشىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ  ھىندونېزىيەدىكى ئۇچرىشىشى، نۇرغۇن كىشىلەردە «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يۇمشاشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتامدۇ؟» دېگەن سۇئال پەيدا قىلغان ئىدى. لېكىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن، بۇ ئۇچرىشىش ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.