«ھەدەم قەيەردە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىستانبۇلدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى
2024.09.12

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ تۈرمە-لاگېرلارغا قامىشى باشلىنىشى بىلەن تەڭ 2018-يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قامالغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ھەدەم قەيەردە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 10-سېنتەبىر كۈنى، ئىستانبۇلدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ھۆججەتلىك فىلىمدا، گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئادالەتسىزلىك بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تۈرمىگە قامىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىڭلىسى، مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ كۈرەشلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىرى بايان قىلىنغان.
تۈرك ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىش پائالىيىتىگە ئەر-ئايال بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ھۆججەتلىك فىلىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى تۈرك ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى دوكتور جەزمى بايرام ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ياردەم قىلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تۈرك ئوجاقلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى مۇھەممەد ئېلى ھاپىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆججەتلىك فىلىمدا، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى ئىزدەش ھېكايىسى ئاساس قىلىنىش بىلەن بىرگە چەت ئەللەردە تۇرۇپ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان ۋە ئالاقە قىلالمايۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر شاھىتلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ھۆججەتلىك فىلىمدا يەنە مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئانالىزلىرى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
مۇھەممەد ئېلى ئەپەندى، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىستانبۇلدا خەلققە ئۇچۇق ھالدا قويۇلۇشىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىتىلىپ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق، تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تارتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش، ھەم گۈلشەن ئابباسنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىز بۇ «ھەدەم قەيەردە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى دوكتور جەزمى بايرام ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور جەزمى بايرام ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، مۇخالىپ كۈچلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىش ئارقىلىق ھەم تەرەپسىز ھەم ئىلمىي پاكىتلار بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، روشەن خانىم دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە «ھەدەم قەيەردە» دەپ يۈرۈپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ چېكىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرىنى ۋە مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. روشەن خانىمنىڭ بۇ مۇجادىلىسى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، مېنىڭچە بولغاندا بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە قويۇپ داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خەلق ئاممىسىدا بىر جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش شەكىللەنگۈسى».
دوكتور جەزمى بايرام ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىدا ھەر ئايدا بىر قېتىم مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز خىتايدەك غايەت زور بىر دۆلەتكە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، ئاللا ئۇلارغا سەبىر ۋە كۈچ بەرسۇن»، دېدى.
فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈرك شائىر كۆكسال جېنگىز ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ، «شەرقىي تۈركىستان كۆيۈۋاتىدۇ» تېمىسىدىكى شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە قايغۇ-ئەلەملەرنى ھاياجانلىق ھالدا تەسۋىرلىدى ۋە كۆرۈرمەنلەرنى مۇڭلاندۇردى.