ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇپ، روزا ھېيتىنى كۈتۈۋالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.04.11
heyt-paaliyet-2024-1 ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل.
RFA/Uyghar

بۈگۈن، 10-ئاپرېل ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ جايلاشقان ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇپ روزا ھېيتىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل.

بۈگۈنكى روزا ھېيت پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ روزا ھېيت نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرلىرىنىڭ روزا ھېيتلىرى تەبرىكلەپ، ھال-ئەھۋال سوراشقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گەرچە ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار چەكلىمىگە ئۇچراپ روزا ھېيتنى خالىغانچە ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ، ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار بىرلىكتە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدۇق ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدۇق. جامائىتىمىز، مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق. جامائىتىمىزنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدۋار بولۇشقا، تېخىمۇ ئىتتىپاق بولۇشقا ۋە بىرلىككە كېلىشكە ئالاھىدە چاقىرىق قىلدۇق.»

ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق پائالىيەتنى بىرگە ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل.

بۈگۈن فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك باغچىسىغا كېلىپ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئوقۇپ روزا ھېيتىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«خەلقىمىز ھازىر ئىسلام دۇنياسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان روزا ھېيت تەنتەنىسىنى شادلىققا چۆمۈلمەي، ئازاب ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، خەلقىمىز تۈرمىلەر ۋە لاگېرلارغا قامىلىپ ئىنسان ئەۋلادى كۆرمىگەن زۇلۇمنى كۆرۈپ ياشاۋاتىدۇ. ۋەتەندە مىللىي، دىنىي كەمسىتىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز. سىرتتا ياشاۋاتقان بىزلەر چەت ئەلدە ئازاد ۋە ھۆر دۇنيادا جەم بولۇپ بىرلىكتە ناماز ئۇقۇپ، جامائىتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق. بىز ئامېرىكادا چىرايلىق ھېيتلىشىپ، پەتىلىشىپ ھېيت قىلىدىغان بىر شارائىتقا مۇيەسسەر بولغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى بەك بەختلىك ھېس قىلىمىز. مەن بۇ سەۋەبتىن بىزگە بۇ شارائىت، پۇرسەت ۋە ئىمكانلارنى بەرگەن ئامېرىكاغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىز بۇ يەردە بىر تەرەپتىن سۆيۈنسەك يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولىدۇ. لېكىن كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدىمىز پارلاق» !

ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق پائالىيەتنى بىرگە ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل.
ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق پائالىيەتنى بىرگە ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل.
RFA/Uyghar

روزا ھېيت بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە تەنتەنىلىك ھېيت-بايراملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە روزا ھېيت بىر دىنىي بايرام بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللىي بايرام سۈپىتىدە ئۆزگىچە تەبرىكلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلار ۋە كۆپلىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە نورۇز قاتارلىق دىنىي ۋە مىللىي بايراملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆتكۈزەلمەي ياكى چەكلىنىپ، خىتايلارنىڭ چاغان، پانۇس بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئومۇملاشتۇرۇلغان.

ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق پائالىيەتنى بىرگە ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل.
ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىرلىكتە فايرفاكىس شەھىرىدىكى ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق پائالىيەتنى بىرگە ئۆتكۈزدى. 2024-يىلى 10-ئاپرېل.
RFA/Uyghar

ئەلفىدار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللىق روزا ھېيت پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇر «ھېيت بازىرى» بولۇپ، 4-ئاينىڭ 14 كۈنى يەكشەنبە سائەت 3 تىن 9 غىچە فايرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە، مەرىلەند ئىشتاتلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.