خىتاينىڭ Hikvision شىركىتى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىدىغان «روزا تۇتۇش ئاگاھلاندۇرۇشى» تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2023.11.17
خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ساندانى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلاپ بەرگەن خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان يەرمەنكىدە يوغان ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان چىراي تونۇش سىستېمىسى. 2018-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى «IPVM» تەتقىقات مەركىزى 13-نويابىر ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي تېخنىكا شىركىتى Hikvision نىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» قۇرۇش تۈرى بويىچە 9 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ مەزكۇر نازارەت قۇرۇلۇش تۈرى، مەكتەپلەردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرا خاتىرىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرنى توپلاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشقا ئوخشاش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، روزا تۇتقان دەپ گۇمانلانغان «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن، مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن.

بۇ كۆزىتىش كامېراسى مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى، ھەتتا خىراجەت خاتىرىسى، تاماق سېتىۋېلىشى، كىتاب ئارىيەت ئېلىشى، ئارام ئېلىش مەنزىلى، كىملىك ۋە بانكا كارتىلىرىنى ئىشلىتىش خاتىرىسى، ئائىلە ئەزالىرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى ئۈستىدىن ئىز قوغلايدىكەن.

فۇجيەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تارقاتقان سېتىۋېلىش ھۆججىتىدىكى ئۇچۇرلاردا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن. «⽉斋» (جەييۈ) ئاتالغۇسى رامزان ئېيىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قائىدە بويىچە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئايدا روزا تۇتۇشى كېرەك، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى بۇ ئىبادەتنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى 7-ئايدىكى سېتىۋېلىش تۈر نەتىجىسى دوكلاتىدا Hikvision نىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجو شەھىرىدىكى 16،000 ئوقۇغۇچىسى بار بولغان مىنجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى 2022-يىلى 12-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىغانىكەن.

Hikvision خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىدا داۋاملىق رول ئوينىماقتا

«IPVM» تەتقىقات مەركىزى بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى قولغا چۈشۈرگەن 85 بەتلىك توختامنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى دېكابىردا خەينەن ئۆلكىسى Hikvision شىركىتى بىلەن «ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش» تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىش توختامى تۈزگەن، بۇ توختامنى تۈزۈش تەلىپىنى مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى Hikvision يەنى خەيكاڭ شىركىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىپ-نازارىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان چىراي تونۇش تېخنىكىسى سەۋەبلىك ھەر ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ھەمدە ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغانىدى.

تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تېخنىكىلىق سەپلىمىلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، «IPVM» تەتقىقات مەركىزى ئاشكارىلىغان بۇ يېڭى ئۇچۇر مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق يانتاياق بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشقا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

«رامزان ئاگاھلاندۇرۇشى» سىستېمىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى قانداق بايقىيالايدۇ؟

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچى چارلىز روللېت (Charles Rolletni) نى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ئىسپاتلارغا قانداق ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

«بۇنى بىر تاسادىپىيلىق دېسەم بولىدۇ. بۇنى خىتاي ھۆكۈمەت تورلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈۋاتقىنىمدا بايقىدىم. چۈنكى ئۇلار بۇنى يوشۇرۇپمۇ ئولتۇرمىغان، دېمەك بۇنىڭ مەخپىي ھۆججەت ئەمەسلىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ».

ئۇ يەنە مەزكۇر سىستېمىنىڭ روزا تۇتقان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق بايقايدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ سىستېما مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىغان، ئۇ پەقەتلا كامېرا تېخنىكىسىلا ئەمەس، يۇمشاق دېتال ۋە باشقا بىر يۈرۈش سىستېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتايدا ھەر يەردە كىملىك ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بىراۋنىڭ مىللىتىنى ئىز قوغلاش ئاسان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلاش تېخىمۇ ئاسان، كىملىكىدە ئېنىق مىللەت ئايرىمىسى خاتىرىلەنگەن بار. ئالىي مەكتەپكە كىرىشكە تىزىملىتىش، نوپۇس تىزىملاش ۋە باشقىلار كىملىك كارتىسى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدۇ. مەسىلەن رامزان ۋاقتىنى ئالساق، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى قانداق ۋاقتىدا تاماق سېتىۋالدى، قەيەرگە بېلەت ئالدى، بۇ ئۇچۇرلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان تۇتمىغانلىقىنى قانداق بايقايدۇ دېگەندە، مەسىلەن بىر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كەچلىك تاماق سېتىۋالمىغان ياكى ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا غىزالانغان بولسا ئاسانلا گۇمانلىق ئاگاھلاندۇرۇش نىشانىغا ئايلىنىدۇ».

قاباھەتلىك چۈش، خەتەرلىك تەھدىت

مىنجياڭ ئىنستىتۇتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى تەقىب قىلىش سىستېمىسى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تېخىمۇ چوڭ كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىسىنى قوزغايدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى «IPVM» گە قىلغان سۆزىدە، مەخسۇس روزا تۇتقانلارنى بايقايدىغان نازارەت تېخنىكىسىنى قوللىنىشنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

«Hikvision توپلىغان كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ نىشانلىق باستۇرۇشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەشۋىقات دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» تۈرىنى «قاباھەتلىك چۈش» دەپ ئاتىغان بولۇپ، «ھەر قانداق بىر تېخنىكا شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىپ، كۆلەملىك كۆزىتىشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قورالى قىلىپ ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىشى كىشىنى ھەقىقەتەن غەزەپلەندۈرىدۇ» دېگەن.

جازا تەدبىرلىرىدە يوچۇق بار

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى توماس تۇگېندات (Thomas Tugendhat) ئۆزىنىڭ X بېتىدە «ھېچ بىرى كىشى تېرىسىنىڭ رەڭگى سەۋەبىدىن نىشانغا ئېلىنماسلىقى كېرەك» دېگەن تەنقىدى ئىنكاسى بىلەن قوشۇپ مەزكۇر دوكلاتنى ھەمبەھىرلىگەن.

14-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، Hikvision شىركىتى ياسىغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ۋە بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ خانىم بۇ دوكلاتقا رادىيومىزدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا قوللانغانلىقى يېڭىلىق ئەمەس، بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا خىتاينىڭ دەرسخانىلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئىپادىلىرىنى كامېرالار ئارقىلىق كۆزىتىپ باھالىغانلىقىدەك ئەھۋاللار پاش بولغانىدى. خىتايدا ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئاستىدىكى ئوخشىمايدىغان تېخنىكىلىق كۆزىتىشنىڭ تەجرىبە ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نۇقتىلىق نىشانغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. گەرچە ئامېرىكا Hikvision شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە سودا چەكلىمىلىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، ئۇلار قىلمىشلىرىنى داۋام قىلماقتا. بۇ بىزگە بۇ خىل شىركەتلەرگە قارشى قوللانغان چەكلىمىلەردە، يەنىلا بوشلۇق بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»

بۇ، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ كەڭ زەربە بېرىشىدىن بېشارەت

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار رامىزاندا روزا تۇتۇش ئۈچۈن «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئەۋەتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا زەربە بېرىشى داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكادىكى تۇڭگان كۆزەتكۈچى ماجۈ مۇنداق دېدى:

«ئەمەلىيەتتە بۇ، Hikvision غا ئوخشاش سودا شىركەتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە بىۋاسىتە ۋە داۋاملىق قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى تەقىب قىلىشتا، مەسچىت ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا كۆزىتىدىغان ئادەم ئورۇنلاشتۇراتتى. كېيىنچە ئادەمگىمۇ ئىشەنمەي، بارلىق كىشىلەرنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى يۇقىرى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالدى. پات ئارىدا خىتاينىڭ بۇ خىل نازارەت سىستېمىسىنى پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىنى ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنى نازارەت قىلىشقا كېڭەيتەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانىم يوق».

IPVM تەتقىقات مەركىزى Hikvision نىڭ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرىنى ياساشنى توختاتمىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ سەپلەۋاتقانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىل ۋە بايقاشلارغا ئاساسەن، «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلماقتا» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.