ھىندونېزىيەدە خىتاي تەشۋىقاتى كۈچەيمەكتە
2024.10.01
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى سىستېمىلىق ھەرىكەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار ھىندونېزىيەدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە مەسچىت-مەدرىسەلەر ئارقىلىق ھىندونېزىيەدە خىتاي تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بارغان قەبىھ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنغان.
27-سېنتەبىر، «خىتاي ئارخىپى» (China File) تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى مەدەنىيەت سىڭدۈرۈمىچىلىكى، ھىندونېزىيەدىكى داڭلىق ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرغاندىن باشقا، ھىندونېزىيەدىكى داڭلىق ئىستىقلال مەسچىتىدە خىتايچە ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئاچقانلىقى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى، ھىندونېزىيەدىن ئۆمەك تەشكىللەپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ماختاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوققا چىقىرىش تەشۋىقاتى يۈرگۈزگەنلىكى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 280 مىليون نوپۇسى بولغان ھىندونېزىيەنىڭ 87 پىرسەنت ئاھالىسى مۇسۇلمان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ سانلىق دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 1965-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان گېنېرال سوخارتۇ ھىندونېزىيەگە كوممۇنىزم ۋاباسىنىڭ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتكەن، خىتايچە مەكتەپلەرنى تاقىغان، خىتايچە گېزىت-ژۇرناللارنى چەكلىگەن. 2000-يىللاردىن كېيىن ھىندونېزىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بارا-بارا ياخشىلانغان؛ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار جامائىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ھىندونېزىيەدە تۇنجى قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان. ھازىر بۇ دۆلەتتە 9 كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھىندونېزىيەدىكى 120 مىڭ ئادەم سىغىدىغان ئىستىقلال مەسچىتىدە خىتايچە ئۆگىتىدىغان كۇرسلار ئېچىلغان، بۇ كۇرسنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى بىلەن تەڭلا باشلاتقان تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ھىندونېزىيە ئىكەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2023-يىل ھىندونېزىيەدىكى خىتاي ئەلچىسى لۇڭ كاڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىستىقلال مەسچىتىنىڭ ئىمامى نەسرىددىن ئۆمەر بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئىمام يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىن بولغان «مۇھەممەدىيە» نىڭ ئۆمەك ۋەكىللىرى 2024-يىل 6-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. خىتاينىڭ بۇ ئۆمەكلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىشىدىكى سەۋەب، ھىندونېزىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سالغان زۇلۇمىغا قارشى نامايىش تەشكىللىگەن. 2023-يىل 7-ئايدا، جاكارتادىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلغان؛ 2023-يىل 8-ئايدا جاكارتادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نەچچە يۈزلىگەن ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرى نامايىش قىلغان. بۇ نامايىشلار 2018-ۋە 2019-يىل ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نامايىشلارنىڭ داۋامى بولغان.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىر ھىندونېزىيەدىكى ئىستىقلال مەسچىتى ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋالغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلدىكى راي سىناشتا 44 پىرسەنت كىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، 22 پىرسەنت كىشى ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى تەشۋىقاتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاكارتادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسچىتتە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا، مېنىڭچە ئۇلار مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاساسەن بىلىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا خىتاي بۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە نوپۇزىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالارغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدى. يەنە كېلىپ، خەلق ئارىسىدا خىتايغا بولغان نەپرەت كۈچەيمەكتە».
ھالبۇكى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا خىتاينى قوللىغان بولۇپ، 2022-يىل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ مەسىلىسى» مۇزاكىرىسىدە، ھىندونېزىيە ۋەكىللىرى خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن، ھىندونېزىيە خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ماختايدىغان خەلقئارا ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا پۈتۈنلەي ئەگىشىپمۇ كەتمىگەن. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي تەرەپ ھىندونېزىيەدە داۋاملىق خىتاي تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. «ھىندونېزىيە خىتاي مۇنبىرى» نىڭ باشلىقى يۇھانىس مۇنداق دېگەن: «خىتاي دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان جامائەت ۋە باشقا خەلقنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ‹ناچار كەيپىيات› نى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ بۇنىڭدا ئىشلەتكەن تاكتىكىلىرىدىن بىرى ھىندونېزىيەلىكلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىش، ئاندىن ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، ‹ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىنىۋاتىدۇ دېگەن گەپلەر غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ يالغانچىلىقى› دېگەننى قۇلاققا سىڭدۈرۈش».
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايغا بارغان ھىندونېزىيەلىك ئۆلىمالار ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنىڭ ئېغىزىدا خىتاينى ماختىسىمۇ، كۆزلىرىدە خىتايدىن شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. خىتاي ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇپمۇ يوشۇرۇپ بولالمىغان، ئەمما تەشۋىقاتىنى يەنە داۋاملاشتۇرغان.
ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغانلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەد زۇلپىقار رەھمەت: «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار دىپلوماتىيەسى جەمئىيەتنىڭ مەلۇم ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ئاۋام ئارىسىدا تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دېگىلى بولمايدۇ» دېگەن.