قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇتنىڭ 2019-يىلى لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
2024.12.19

قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇت قەشقەر تەۋەسىدە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇتقۇن مەزگىلىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر يېقىندا ئاشكارىلاندى.
ئەينى چاغدا ئىبراھىم داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تۇتقۇن مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، مەرھۇم ئىبراھىم داۋۇت 2019-يىلى قىزىنىڭ تويى بولۇش ھارپىسىدا يەنى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ كۈنى دەل «يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، كېيىن ئۇ ساقچىلاردىن ئىبراھىم داۋۇتنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە «جەمئىيەتكە خەۋپ ئېلىپ كەلگۈچىلەر» تىزىملىكىدىكى كىشىلەر قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار 3 ئايدىن كېيىن يەنى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مەرھۇم ئىبراھىم داۋۇتنىڭ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ۋە ئۇلاردىن ئىبراھىم داۋۇتنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتقا قول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئىبراھىم داۋۇتنىڭ جەسىتىنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆرسىتىلمەي كۆمۈۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم داۋۇت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2000-يىللاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى خىتايچە مائارىپقا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ماقالە يېزىپ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى تەشەببۇس قىلغانلاردىن بىرى ئىكەن. ئۇ قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلغان بۇ يىللاردا قەشقەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن خىتاي تىللىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرچە دەرسلىك ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدا ۋە بىرقانچە ناھىيەلەردە «مەرىپەت كىتابخانىسى» نامىدا كىتابخانا ئېچىپ، ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى سېتىش، ئالىي مەكتەپ تەييارلىق كۇرسلىرى ۋە تىل كۇرسلىرى ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.
ئىبراھىم داۋۇت يەنە يەنە ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەردە ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشى ئۈچۈن مەبلەغ سالغان ئىكەن.
ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئامېرىكادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2011- يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇت بىلەن ھەمكارلىشىپ «نۇرخان مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىنگلىز ۋە تۈرك تىلى دەرسى ئۆتكەن.ھەمدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قەشقەردە «ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىسى» نى قۇرغان ئىكەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇتنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى 1-ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە قەشقەر 6-ئوتتۇرىدا ئىشلىگەن مەزگىلىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.