40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.07.20
idris-hesen-duq.jpg ئىدرىس ھەسەن ماراكەشكە مېڭىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن قىزى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
uyghurcongress.org

19-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئىدرىس ھەسەننى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىدرىس ھەسەن ئەپەندى ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابىلانكا ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بىر يىلدىن بۇيان ماراكەشتىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىرلەشمە باياناتنى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتى، بېلگىيە ئالدىنقى سەپ قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات ئېلان قىلغان. مەزكۇر بىرلەشمە بايانات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى مۇنداق دېدى:

«د ئۇ ق قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن ئىدرىس ھەسەن ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇنۇڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ ئېغىر قىيناشقا دۇچار بولىدىغانلىقى، ھەتتا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئىمزا قويغان خەلقئارا تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن قەتئىي تۈردە ساقلىنىشى ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ باشقا بىر بىخەتەر دۆلەتكە پاناھلىنىشى ئۈچۈن دېموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى».

شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى باش كاتىپى ئابدۇرەھىم بۇغرا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىدرىس ھەسەن ئەپەندىنىڭ تالانتلىق، ياخشى ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىدرىس ھەسەن ئەپەندى بىلەن مەن ياخشى ئۆتكەن ئىدىم. ئۇ، ياخشى ئوقۇغان تالانتلىق ياش ئىدى. ئۇ، 2012-يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن تارتىپ گرافىك لايىھەلەش، تور بېتى ياساش، فىلىم كىرىشتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە پاش قىلىشقا زور تۆھپە قوشقان ئىدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئەرز-شىكايىتى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە دەل بىر يىل ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئايدىن ۋىلايىتىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدى. تۈركىيەدە بەك ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغاچقا تۈركىيەدىن بىخەتەر دۆلەتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى».

ئىدرىس ھەسەن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەدىن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە پاناھلىق ئىزدەپ مېڭىپ ماراكەشنىڭ كاسابىلانكا خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان. خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان ماراكەش ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە ۋە ئۆزى ئىمزا قويغان خەلقئارا قىيناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا پىسەنت قىلماي-2021 يىلى-12 ئاينىڭ 15-كۈنى سوت ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە قارار چىقارغانىدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم د ئۇ ق باشتا بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ب د ت نىڭ ئىدرىس ھەسەننى ‹كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى› دەپ قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:

«ماراكەش ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سوت ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە قارار چىقارغانىدى. ئۇ، كۈندىن تارتىپ ماراكەش ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنى ھازىرغىچە كېچىكتۈرۈپ كەلدى. ئىدرىس ھەسەن تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ب د ت مۇ ئۇنى›كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى‹دەپ قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزدى».

ئىدرىس ھەسەن 2012-يىلى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك2012-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەگە كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.