ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «خىتايلار تەرىپلەۋاتقان ‹ئىگىسىز زېمىن› نىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرلاردۇر»
2024.02.14
نەچچە كۈندىن بۇيان x دە 1949-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى «ئىگىسىز زېمىن» دەپ ئاتاپ، نەچچە ئون مىڭلىغان ئەسكەرلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشتۈرگەنلىكىگە دائىر تارىخى يازمىلار ۋە رەسىملەر قايتا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تور يۈزىدە خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ھەققىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغالغانىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىننىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا قەشقەردە قويۇلغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ئائىت بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىشى تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا خىتاينىڭ «ئىگىسىز زېمىن» دەپ ئاتاپ مۇستەملىكە قىلغان بۇ زېمىنغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن 10-فېۋرال ئۆزىنىڭ x ھېسابىدا خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا قەشقەردە قويۇلغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ئائىت بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەن. سىن كۆرۈنۈشىدە قىپقىزىل ياسالغان سەھنىدە ئۇيغۇر، تىبەت ئارتىسلار ۋە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ئۇسۇل كىيىملىرىنى كىيىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان خىتاي ئارتىسلار «خۇشال» ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىۋاتقانىدى. خۇ شىجىن، ھەمبەھىرلىگەن سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئۈستىگە يازغان يازمىسىدا «خىتاينى ‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ›، دېگەنلەر بۇنى كۆرۈشى كېرەك. خىتاينىڭ 2024-يىللىق باھار بايرىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەھنىسىدە شىنجاڭدىن كەلگەن قىزلار ناھايىتى گۈزەل ۋە ئەنئەنىۋى تىبەت مەدەنىيىتى تولۇق نامايان بولدى» دەپ يېزىش ئارقىلىق بۇ كۆرۈنۈشلەرنى خىتاينىڭ ئۇلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمىگەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
خۇ شىجىننىڭ بۇ يازمىسىغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ناھايىتى كەسكىن ئىنكاس قايتۇرغان. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتايدا كۆپ مەزگىل تۇرغان شىۋېتسىيەلىك ئانتروپولوگ ماگنۇس فىسكەسيۆ (Magnus FisckscjÖ) ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا بىر پارچە كارتون رەسىم ئارقىلىق خۇ شىجىننىڭ ئۇيغۇرلارنى خۇشال كۆرسىتىپ فىلىمغا ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايار خۇ شىجىننىڭ يازمىسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇل ئويناپ ۋە ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالەتتە كۆرسىتىشىنى خۇددى ياپونلار نەنجىڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، خىتاي خەلقى ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ، ياپونلارنىڭ ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئۇلارنى «ئازاد قىلغۇچى» سۈپىتىدە قارشى ئالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىگە ئوخشاتقان.
ئالدىنقى كۈنلەردە x دە 1949-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى «ئىگىسىز زېمىن» دەپ ئاتاپ، نەچچە ئون مىڭلىغان ئەسكەرلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىپ، ئۇ رايونلارنى «ئازاد قىلىپ»، «تەرەققىي قىلدۇرۇپ» باياشاتلىق ئەكەلگەنلىكىگە ئائىت تارىخى رەسىملەر قايتا ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇنىڭ بىلەن تور يۈزىدە خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ھەققىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغالغانىدى.
«خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنى كاپالەتلەندۈرۈش: شىنجاڭدىكى كىملىك ۋە بىخەتەرلىك» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى داۋىد توبىن ئەپەندى بۇ يازمىغا: «شىنجاڭ 1949-يىلى ئىشغالچى ئارمىيە كەلگەندە ئۇ زېمىن ئاللىبۇرۇن مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ۋەتىنى ئىدى. ئۇ يەر ‹ئىگىسىز زېمىن› ئەمەس ئىدى. باشقىلارنىڭ يۇرتىنى ‹ئىگىسىز زېمىن› دەپ ئىپادىلەش، بۇ مۇستەملىكە، ئىرقچىلىق تىلىدۇر» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
داۋىد توبىن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا قەدەم باسقان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنيانىڭ باشقا يېرىگە ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «‹ئىگىسز زېمىن› دېگەن ئاتالغۇ مۇستەملىكە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇشتا ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغان زېمىنلارنى بېسىۋېلىشتا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇدۇر. شەرقىي تۈركىستان بايلىقلارغا كۆمۈلۈپ ياتقاندا، خىتاينىڭ ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان زېمىننىڭ نامرات، ئارقىدا قالغان، ئادەمسىز رايون ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشقان. ئەلۋەتتە ‹شىنجاڭ› دېگەن مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىن قويۇلغان نام، مەنىسى ‹يېڭى چېگرا› . ئەمەلىيەتتە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۆزلىرىنى چېگرادا دەپ قارىمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇ زېمىن ئۇلارنىڭ مەركىزى، ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى. »
«ئىگىسىز زېمىن» ھەققىدە يېزىلغان رەسمىي ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 2012-يىلى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە «خىتاينىڭ سىرلىق ‹ئىگىسىز زېمىنى› غا پويىز كەلدى» دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە «لوپنۇر ئۈچىنچى ئەسىردە قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان كىرورەننىڭ غايىب بولۇش سىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە، 1964-يىلى خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى سىنىقى قىلىنغان جاي» دېيىش ئارقىلىق لوپنۇرنىڭ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكى ھەم ئۇ يەردە ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما قىزىق يېرى ئۇ يەر «ئىگىسىز زېمىن» دەپ ئاتالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ساياھەت نامىدا خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىش تەشۋىقاتىدىمۇ، ئۇيغۇر رايونىنى سىرلىق «ئىگىسىز زېمىن» دەپ تەرىپلىگەن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتايلار تەرىپلەۋاتقان ‹ئىگىسىز زېمىن› نىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرلاردۇر. »
داۋىد توبىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ۋە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن چاغان بايرىمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «كۆرگەزمە» قىلغانلىق ئەھۋالىنى دەل خىتاينىڭ «ئىگىسىز زېمىن» دەپ ئاتاپ، مۇستەملىكە قىلغان بۇ زېمىنغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 56 مىللەتنى يۇغۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ جەريان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن باشقا ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتايدا ‹خىتايلا بولۇش›، ‹خىتاي قىلىپ تەربىيەلەش› ئارقىلىق بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش، بۇ بىز بىلىدىغان بارلىق ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئوخشىمايدىغان شەكىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. يەنى كونا ئۇسۇلدىكى مۇستەملىكە شەكلىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. خىتاينىڭ باھار بايرىمىلىق پائالىيەتلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەردىكى چاغاننى خىتايچە ئادەتلەر بىلەن خىتاي تېلىدا تەبرىكلەۋاتقان، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ‹خۇشال ئۇيغۇرلار› دىن شى جىنپىڭنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەن 2007-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا بارغاندا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە مەن زىيارەت قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزىدىغان ئەنئەنىسى يوقلىغىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇلار دائىم يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىلدە چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان. يەنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت.»
ئاخىرىدا داۋىد توبىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي دەۋاتقان 56 مىللەتنىڭ ئېچىدىكى بىر مىللەت ئۆزىنى خىتاي دەپ قارىمايدۇ، ھەم ئاتالمىش مەدەنىي خىتاي بولۇشنى رەت قىلىدۇ. ئەمدى بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىڭ ‹بىرلا خىتاي بولۇش› يەنى ‹جۇڭخۇا مىللىتى› پىلانىنى بۇزۇۋېتىدۇ. شۇڭا خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا كۈچەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ نىشاننى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت سىستېمىسىدىن بىلەلەيمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىۋاتقان ‹ئىگىسىز زېمىن› ئاتالغۇسى بولسۇن، ياكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنى سەھنىگە چىقىرىپ ئۇسۇل ئوينىتىشى بولسۇن، ھەممىسى دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ‹ئاق كۆڭۈل سىياسەت ئىكەنلىكى› گە ئىشەندۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن يېزىپ چىقىش ئۈچۈندۇر. »