ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا باغلىنىپ ئەيىبلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.11.16
ikram-nurmehmet-rengsiz ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت
firstfilm.org.cn

بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت ھەققىدە «مۇھاپىزەتچى» ژۇرنىلىنىڭ 8-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىكرام بۇ يىل 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغان سوتتا «تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار» دەپ ئەيىبلەنگەن. ئىكرام نۇرمەمەت بولسا ئۆزىنىڭ سوراق داۋامىدا 20 كۈن قاراڭغۇ كامېرغا سولانغانلىقى ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەيىبلىمىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان. ئەمما خەۋەردە سوتنىڭ جەريانى ۋە ئەيىبلىمىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سوت خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ نەنخۇ سوت كوللېگىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. سوت ئەتىگەن سائەت توققۇزدا باشلىنىپ چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئاياغلاشقان، بۇ جەرياندا سائەت ئىككىدە 15 مىنۇت دەم ئېلىش ۋاقتى بولغان. سوتتا ئىكرام نۇرمەمەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن تۆت نەپەر ياشمۇ سوتلانغان. دېيىلىشىچە، ھەممىسىلا «تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىكرامدىن باشقىلىرى ئەيىپلىمىنى قوبۇل قىلغان.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر سوت خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئارىلىقتىكى 15 مىنۇتلۇق دەم ئېلىشتىن كېيىن، ئەيىبلىمىنى قوبۇل قىلغان تۆت مەھكۇمدىن بىرى ئىكرام نۇرمەمەتكە قارشى ئىسپات سۆزى قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇشقا دەۋەت قىلغانلىقى» نى ئېيتقان.

شۇ كۈنكى سوتتا تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچىلىرىدىن بىرىنىڭ نەق مەيداندا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مەلۇمات بېرىشىچە، ئىكرام نۇرمەمەت تۈركىيەدە ئوقۇغان مەزگىلىدە «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلىش، ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەتتا ئىقتىساد توپلاش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت
ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت
Public Domain

تۈركىيەدىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىۋاتقان نورۋېگىيەدىكى تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئىكرام نۇرمەمەت تۈركىيەدىكى ئالتە يىللىق ھاياتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئۇزاق تۇرغان. ئۇ مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ۋە سېنارىيە كەسپىگە بېيجىڭدا تۇرۇپ بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىپ قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە مەكتەپ ئىچىدە ئەمەس، مەكتەپ سىرتىدا ئۆزى يالغۇز ياتاقتا ياتقان. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلاشقا ئۇرۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئوقۇشتىن سىرت مەزگىلىدە ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەنلا ئالاقىلەشكەن ۋە بىرقانچە كىنو شىركىتىدە ياردەمچى خادىم ئىشلەپ، ئوقۇش ۋە ياتاق خىراجەتلىرىنى ھەل قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە قىلچە كارغا كەلمىگەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر سوت خادىمىنىڭ دېلونىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتقان بىر گۇماندار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر سوراققا تارتىلغان ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. بۇ جەرياندا ئىكرام نۇرمەمەت قاتارلىق تۆت كىشىنى ئۆزىنىڭ شېرىكى، ئىكرامنى بولسا يېتەكچىسى قىلىپ ئىقرار قىلغان. نەتىجىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى قىيىن-قىستاق نەتىجىسىدە توقۇلما بىر جىنايەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئىكرام نۇرمەمەتلا سوتتا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى پاش قىلىپ ئەيىبلىمىنى رەت قىلغان. مەزكۇر خادىم يەنە دېلو بېجىرگەن ساقچىلارنىڭ سوت كۈنى ئارىلىقتىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەھكۇملاردىن بىرىنى ئالداش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق ئىكرام نۇرمەمەتكە قارشى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىنى، يەنى ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئەيىپلىمىنى قوبۇل قىلىشقا ۋاسىتىلىك ھالدا زورلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سوتتا ۋەزىپە ئۆتىگەن يۇقىرىقى ساقچى خادىمىمۇ بۇ زورلىنىشنى ئىنكار قىلمىدى.

بۇ يىل 7-ئايدا تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتقان ۋە قايتقان يىللىرى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن جازالانماي قالغان زۇليار ياسىن قاتارلىق 10 نەپەر ياشنىڭ سوتلانغانلىقى ۋە 10 يىل بىلەن 20 يىل ئارىسىدا كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.