بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت ئۈستىدىن ئۈرۈمچىدە سوت ئېچىلغانلىقى دەلىللەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.11.15
ikram-nurmehmet ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەت
Open Domain

خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخباراتلاردىن «مۇھاپىزەتچى» ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئۈرۈمچى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە سوتلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئىكرام نۇرمەمەت ئۈستىدىن 27‏-ئۆكتەبىر كۈنى سوت ئېچىلغانلىقى ۋە تەڭرىتاغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

 «مۇھاپىزەتچى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل 24‏-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىكرام نۇرمەمەت بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29‏-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق تەۋەلىكنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن 3 نەپەر ساقچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇ بېيجىڭدىن ئېلىپ مېڭىلىشنىڭ ئالدىدا ئايالى ئارقىلىق ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئەكەلدۈرۈلگەن. بۇ چاغدا ئايالى ساقچىلاردىن يولدىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەكېتىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا ئۈرۈمچى ساقچىلىرى «تەكشۈرۈلىدىغان بىر ئىشى بار» دەپ جاۋاب بەرگەن؛ بېيجىڭ ساقچىلىرى بولسا ئىكرامنىڭ «تېررورلۇققا ئالاقىدار بىر دېلوغا چېتىلىپ قالغان» لىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەكېتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. «مۇھاپىزەتچى» ژۇرنىلىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان بىر مەنبەگە ئاساسەن يەنە بايان قىلىشىچە، ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئانىسى ئىكرام ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەن كۈنى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئوغلىنى كۆرۈۋېلىشقا تىرىشقان. ئەمما ساقچىلار ئىكرامنى ئانىسىغا يېقىنلاشتۇرماستىن يىراقتىن ئېلىپ ماڭغان. ئانىسى ئوغلىنىڭ 3 ساقچى تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ۋىدىيوغا ئېلىۋالغان.

 ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ئىكرامنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى ۋە ئۈرۈمچى 2‏-دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئانىسى، ئىكرام نۇرمەمەت ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

 بىز ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر دېلودىن خەۋىرى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، بىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى.

 ئىكرام نۇرمەمەت ئەسلىدە تۈركىيەدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ۋە سېنارىيە كەسپىنى 2016-يىلى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭغا قايتقان ۋە بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن توي قىلغان. ئۇ تيەنجىندە مۇستەقىل ئېلانچىلىق ۋە كىنو-فىلىم رېژىسسورلۇقى بىلەن شۇغۇللانغان.

 تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، دەسلەپتە ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ دېلوسىدىن «تۈزۈك خەۋىرى يوق» لىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاز مەلۇم دەرىجىدە بىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئارقىدىن بولسا، ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«مۇھاپىزەتچى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىلىش ئالدىدا ئىكەنلىكى، سوت كۈنىنىڭ 25-ئۆكتەبىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈرۈمچىدىكى بىر سوت خادىمى ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ سوتىنىڭ 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغانلىقى، سوتتا ئىكرامنىڭ بارلىق ئەيىبلىمىلەرنى رەت قىلغانلىقى، نەتىجىدە سوت ھۆكۈمىنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايغا قالدۇرۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەڭرىتاغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى، ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ 27-ئۆكتەبىر كۈنى سوتلانغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما، سوتنىڭ كونكرېت جەريانى، جۈملىدىن ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئەيىبنامىنى نېمە دەپ رەت قىلغانلىقى ھەققىدە يۇقىرى ئورگانلاردىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىكرام نۇرمەمەت مۇستەقىل فىلىم ۋە ئېلان ئىشلەپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ياشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىشلىگەن فىلىملىرى گەرچە ھۆكۈمەتكە قارشى بىر مەيداندا بولمىسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ياندىشىدىغان شوئارلاردىن خالىي ئىكەن. يەنە مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، سوتتا ئىكرام نۇرمەمەت تۈركىيەدە ئوقۇغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.