ئامېرىكا باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنسنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش تەلىپى قارشى ئېلىندى
2024.12.11
بۇ يىل 10-دېكابىر كۈنىدىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 76-يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، قورقۇنچ ۋە موھتاجلىقتىن خالىي بولغان، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ ئادەتتىكى خەلقنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نىكولاس بۇرنس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن:
«كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىنىڭ ئەھمىيىتىگە كەلسەك، بىز كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرگە خىتاينىڭ ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىمىز. بىز خىتاينى شىنجاڭ، تىبەت ۋە يېقىندا خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ قەھرىمانلىرىدىن جىممى لەي قاتارلىقلارنى ئورۇنسىز سوتلاشتەك خورلاشلارنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي خىتابنامىسىدە ئېنىق قىلىپ، ‹بارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشتىن بار بولغان ئىززەت-ھۆرمىتى، باراۋەرلىكى ۋە مەڭگۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش دۇنيادىكى ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسىدۇر›. دېيىلگەن. بىز خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشكە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە ۋە ئۆز خەلقىگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز».
نىكولاس بۇرنس بۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىپ، بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكلەرنىمۇ چەكلەپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى يولغا قويغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىنى قوغدىغانلىقى، ئۆز ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەنلىكى ياكى دىن-مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. بىز گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسەت، راھىلە داۋۇت، دىڭ جياۋشى، گو شېراب گياتسو، جىممى لەي، ئىلھام توختى ۋە خىتاي تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز».
ئامېرىكا باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنسنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىلھام توختى گۈلشەن ئابباس، راھىلە داۋۇت ۋە ئەكبەر ئەسەتكە ئوخشاش بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىسمىنى بىرمۇبىر تىلغا ئېلىپ، ئۇلارغا ئوخشاش ئازاب چېكىۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى، تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرى ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدىكى ۋىدىيولۇق سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ھەدەم گۈلشەن ئابباس، پىروفېسسور ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇد ۋە ئەكبەر ئەسەتلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. گۈلشەن ھەدەمدەك ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك، گەرچە ئامېرىكادا خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا دىققەت قوزغاش ئىنتايىن مۇھىم! گۈلشەن ھەدەم، ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت ۋە ئەسەت ئەكبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيانىڭ سەمىگە قايتىدىن سېلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
باش ئەلچى نىكولاس بۇرن تىلغا ئالغان تۇتقۇنلاردىن، 2018-يىلى 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى ئەقىدە پولات ۋە 2014-يىلى 15 يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نىكولاس بۇرنسنىڭ سۆزلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، 7 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەقىدە پولات، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنسنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىكى باياناتىدا، ئاپىسى راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.
ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر نۆۋەتتە ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىگە ئايلانغان بولۇپ، جەۋھەر ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بەرگەن باياناتىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، پەقەت كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدىلا ئەمەس بەلكى ھەرقانداق بىر كۈندە، ھەرقانداق ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلار ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشنىڭ دۇنياۋى ئېقىمغا ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.