ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10-يىلىدا ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش سادالىرى كۈچەيمەكتە
2024.09.24
ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىدە مۇددەتسىز جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقىنىغا 10 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ-23-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان 10 يىلدىن بۇيان، ئۇ ۋىجدان مەھبۇسى سۈپىتىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە «ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان قەھرىمان» دەپ تەرىپلىنىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردا ئۇ «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاندى؛ بىرقانچە قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
بۇ يىل، يەنى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» خىتاينىڭ بۇ يىللىق «تاۋۇز چاغىنى»، يەنى «ئايتوقاچ بايرىمى» مەزگىلىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئايتوقاچ بايرىمى» نىڭ خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە ئائىلە ئەزالىرى جەم بولىدىغان بايرام ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تاۋۇز چاغىنى بايرىمى ئائىلە ئەزالىرى جەم بولىدىغان بىر ۋاقىت، ئەمما ئۇيغۇر ئالىمى ۋە پائالىيەتچى ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىدە بولالمىغانلىقىغا توپتوغرا 10 يىل بولدى. ئۇ ھاياتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بېغىشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر، خەلقئارا جەمئىيەتنى دادىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشقا چاقىرماقتا».
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» مۇ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە «خىتاي، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك» دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى يالغۇز كىشىلىك كامېردا يېتىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغىمۇ يول قويۇلمىغانلىقى تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر دادىسى تۇتقۇن قىلىنغان 10 يىلدىن بۇيان بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەر ھەققىدە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «دادام ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەندە بوۋام ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. مومام ئۇلۇغ بىر ئايال، ئۇ كۈچلۈك ھەم قەيسەر ئىدى. ئۇ ھاياتىدا قايتا توي قىلمىدى، ھاياتىنى ئوغۇللىرىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇشقا سەرپ قىلدى. ھالبۇكى، مومام ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىللىرىنى بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمىدى. ئۇنىڭ نەۋرىلىرىدىن بىرى-يەنى مېنىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىمدىن نۇرئالىيە يالقۇن 2017-يىلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى. دادام 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. مەن بولسام ئۆسمۈرلۈك چېغىمدىن باشلاپلا ئۆيدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە ئەۋەتىلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ۋەيرانچىلىقلار مومامنى يىقىتتى. ئۇ ئۆتكەن ئون يىلدا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىگە بىر ئىش بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، ھېچ ۋاقىت خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزەلمىدى. ئاخىرى غەم-ئەندىشە ۋە ئېغىر كېسەللىك، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئېنېرگىيەسىنىمۇ خورىتىۋەتتى. ئىنشائاللاھ، ئۇ ھازىر جەننەتتە، يەنى تېخىمۇ ياخشى جايدا. ئەمدى ئۇ ھەممىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلمىسىمۇ، غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ!»
23-سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جەۋھەر ئىلھام، 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، تۇغقانلارنىڭ دادىسىنى يوقلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقى، ھەتتا ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2022-يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان مومىسى ناسىپخان قۇناخۇننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىمۇ يېقىندا بىر تاسادىپىي ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىغا قارىتا، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. بۇلاردىن باشقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان خىتاي دېموكراتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك ھەتتا ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكادىكى «خىتاينى ئۆزگەرتىش» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى ساۋ ياشۆ خانىمدۇر.
23-سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساۋ ياشۆ خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماققا قامىشىنى خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئادالەتسىزلىك، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن بىلگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى،-دېدى. دەپ تەرىپلىدى.
ساۋ ياشۆ خانىم مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىغا جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا 10 يىل بولدى، ئەمما تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا 11 يىل بولاي دېدى. شەخسىي نۇقتىدىن دېسەم، مەن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە قامالغىنىدىن ئىنتايىن ئازابلاندىم، ھەتتا غەزەپلەندىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر باشقا مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ھەقىقىي سەمىمىيىتى بىلەن ئېرىشمەكچى بولغان بولسا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان مۇناسىۋەتتە، ئىلھام توختى ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك كىشى ئىدى. يەنى ئۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە دىيالوگدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدىغان شەخس ئىدى. ئەمما ئۇلار ئىلھام توختىنى ئەڭ خەتەرلىك ئادەم دەپ تۈرمىگە قامىدى. ئىلھام توختىنى خەتەرلىك ئادەم دەپ تۈرمىگە قاماشنىڭ ئۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، يەنى كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېيىشكە بولىدۇ.»
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-24-سېنتەبىر كۈنلىرى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس باياناتلار ئېلان قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزاسى 24-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.