خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش سەھنىسىگە ئايلانغان «6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخباراتى يىغىنى»
2024.10.18
خىتاي تەشۋىقاتىدا داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىۋاتقان «سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاخبارات ئۆزگىرىشى» نامىدىكى «6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخباراتى يىغىنى» 14-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۇلار بۇ قېتىملىق دۇنياۋى خاراكتېرلىك زور كۆلەملىك ئاخبارات چوڭ يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە چاقىرىلىشىنىڭ، «يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭغا پارلاق پەيت» ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالماقتا.
ۋاھالەنكى، «سۈنئىي ئەقىلنى باشقۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بۇ يىغىنغا قارىتا كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارادىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ ئۆزئارا «ھەمكارلىشىپ»، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ۋە ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ھازىرلانغان سەھنىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات يىغىنىغا 106 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 208 غوللۇق ئاخبارات، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەل-جەزىرە ئاخبارات گۇرۇھى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە ۋېنگىرىيە ATV گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاساسلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى بۇ يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلغان مەزگىلى دەل بۇ دۇنيا ئاخبارات يىغىنى مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس بولغان. ئۇ، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ ئاساسلىق تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بۇ يىغىنىغا غەرب ئەللىرى تاراتقۇلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئۈرۈمچىدە چاقىرىلىشىنىڭ تامامەن خىتاينىڭ سىياسىي ئېھتىياجى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆز پىكرىنى مۇنداق بايان قىلىپ ئۆتتى.
«يىغىندا بۇ تېمىنى ئۇلار ناھايىتى ئەقىللىقلىق بىلەن تاللىغان. چۈنكى ھازىر سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ھەقىقەتەن ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارغا زور تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا مەيلى كىمنىڭ قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممەيلەن دۇچ كېلىۋاتقان بۇ يېڭى بىر رىقابەتتە خىتاي دائىرىلىرى كىشىلەر قىزىقىدىغان سۈنئىي ئەقىل تېمىسىنى تاللىغان. ۋاھالەنكى، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئۆز شەخسىي غەرەزلىرىنى بۇ قېتىملىق يىغىنغا يوشۇرۇن شەكىلدە ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن ئۇلار تاشقى دۇنيادا ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراتماقتا. شۇڭا يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك شەكىللەردە خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يارىتىش ۋە شىنجاڭنىڭ تىنچلىقىنى سىرتقا بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار تەرىپىدىن پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ تۈردىكى يىغىنلارغا بارغانلار ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ، مەقسەتلىك ۋە ياكى مەقسەتسىز ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشى ئۈچۈن رول ئويناۋاتىدۇ.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىي شاجىۋىسكىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىق دەۋرىدە، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى، ئۇنىڭ دۇنيا ئاخبارات ساھەسىگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى ۋە خىرىسى، تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دولقۇنى ۋە سانائەت ئۆزگىرىشىدە ئاخباراتنىڭ رولى ھەم مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا يەرشارى زامانىۋىلىشىشىنىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات ھېكايىسىنى قانداق ئۈنۈملۈك سۆزلەش باش تېما قىلىنغان يىغىننى چاقىرىشى ئۇلار ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
«سۈنئىي ئەقىل نۆۋەتتە ھەر خىل يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە بۇ پۇرسەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بەزى كونكرېت ئىدېئولوگىيە ۋە قارالمىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ تۈرتكىسى بار دەپ قارايمەن. شۇڭا سۈنئىي ئەقىل نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھالقىلىق مەنبەگە ئايلانماقتا. دېمەك بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ بايلىق مەنبەسىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئىدراكلىرىنى تارقىتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەستۇر. ۋاھالەنكى، بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، ئۈرۈمچى نۆۋەتتە خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ بۇ جايغا ئائىت ئۇچۇرلارنى دۇنياغا يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئورنىدۇر.»
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز 13-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات يىغىنى» غا قاتنىشىدىغان خىتاي ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن؛ «خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، خىتاي شىنجاڭدا ‹ئىرقىي يوقىتىش قىلدى›، ‹مەجبۇرىي ئەمگەك قوللاندى› دېگەندەك ئۇچىغا چىققان يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىپ، رەزىل غەرەزدە يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى نامرات، ئارقىدا قالغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.»
نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ناملىق ئورگاننىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىننى ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش ۋە ئۆزلىرىنى ئەيىبلىگەن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى قارىلاش ئۈچۈن پايدىلىنىشتا قوللانماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخباراتى يىغىنى» نىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشى، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيانقى ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت بىلەن باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى يۇمشاق كۈچتىن پايدىلىنىپ «ئوبراز ياخشىلاش پىلانى» نىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، 13-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ما شىڭرۇي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، تاس ئاگېنتلىقى، قاتار ئەل-جەزىرە تاراتقۇ گۇرۇھى، جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل تاراتقۇ گۇرۇھى، مالايسىيا دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بىرازىلىيە سان پاۋلو يېباۋ گېزىتچىلىك گۇرۇھى، نىگېرىيە ئاگېنتلىقى، قىرغىزىستان قابار دۆلەت ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە باش مۇھەررىرلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ توختىماي ساختا تەشۋىقات ۋە يامان غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىش نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، دىققەتنى تارتىدىغان يېرى شۇكى، بۇ سۆز قىلغانلار قاتارىدا مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
ھېنرىي شاجىۋىسكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خىتاي بىلەن يالغان-ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتا «ئورتاق ھەمكارلاشقۇچى» بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى شەرھلەپ ئۆتتى:
«بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاخبارات تەشكىلاتلىرى ئاساسەن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە خىتاينىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. چۈنكى رۇسىيە ساختا ئۇچۇر تارقاتقۇچىدۇر. شۇڭا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆز مەۋقەلىرىنى قانداق تارقىتىش ۋە رايوندىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مەجبۇرىي خەۋەر ئېلان قىلىشتا ئۆزئارا ئورتاقلىشىۋاتىدۇ ھەم ئۆزئارا ئۆگىنىۋاتىدۇ. يەنى، خىتاي ساختا خەۋەرلەرنى چىقىرىشتا باشلامچى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئوخشىمىغان ساھەدىكى تەجرىبىلىرىنىمۇ بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. رۇسىيە دەل ئەنە شۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.»
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ماجۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق دۇنيا ئاخبارات يىغىنىغا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئەل جەزىرە تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ خىتاي تەشۋىقاتى بىلەن بىر يولدا ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلسىمۇ، ئەمما نەتىجىنىڭ ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولۇشى ناتايىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئىشىنىمەنكى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بولسۇن ۋە ياكى ئەل جەزىرە تاراتقۇسى بولسۇن ئۇلار ئۇنچە ئەخمەق ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى بىز ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى نۇرغۇن خەۋەرلەرنىڭمۇ بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئەينى چاغدا ئەنە شۇنداق بەزى يىغىنلارغا قاتنىشىش ۋە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا ئەركىن دۇنيادىكى سۆز ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ئەركىنلىكى بار كىشىلەر ئۆزلىرى بارغان جايدا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە قانداق يەكۈن چىقىرىشنى بىلىدۇ. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى خەلققە ھەممەيلەننىڭ ھەتتا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى ئوخشىمايدۇ، خالاس.»
ئىگىلىنىشىچە، دۇنيا ئاخبارات يىغىنى مېخانىزمى 2009-يىلى خەلقئارادىكى بىر تۈركۈم داڭلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورتاق قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كاتىبات باشقارمىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا جايلاشقان. بۇ قېتىم 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات يىغىنى 12-ئۆكتەبىردىن 17-ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدا چاقىرىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ يىغىن جەمئىي 4 قېتىم خىتايدا ئېچىلغان. قالغان ئىككى قېتىملىق يىغىن رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرى ۋە قاتارنىڭ دوخا شەھىرىدە ئېچىلغان. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى ياخشى سۆزلەشنى جىددىي رەۋىشتە قانات يايدۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئاساسەن خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدا داۋاملىشىۋاتقان ئاتالمىش «دۇنيا ئاخباراتى يىغىنى» نىڭ ئۈرۈمچىدە چاقىرىلىشى تۈرلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.