مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ پايدىلانماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.05.14
12-dolet-oqughuchi-uyghur-ziyaret-1024 بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي» نى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-ئاپرېل، ئۈرۈمچى
china.com.cn

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە «دوستانە» بولغان دۆلەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يوشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋاھالەنكى، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خىتاينىڭ تەشۋىقات كانىيىغا ئايلىنىپ، بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئويۇنىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

 «خىتاي خەۋەر تورى» دىن قارىغاندا، ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى «مىللىي بىر گەۋدىلىشىش» ، «يىپەك يولى مەدەنىيىتى» ۋە «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش» تېمىلىرى ئاساسىدا بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ۋە چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتالمىش «ھازىرقى خىتاينى چۈشىنىش، شىنجاڭ ئۆگىنىش-تەتقىقات پائالىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ھەپتە داۋاملاشقان بۇ قېتىملىق مەخسۇس «تەتقىقات-ئۆگىنىش» گۇرۇپپىسى قازاقىستان، جەنۇبىي كورېيە، قىرغىزىستان، كامېرون، مالايسىيا، نىگېرىيە، پولشا، رۇسىيە، سىرىلانكا، سۇدان، تايلاند ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 20 گە يېقىن كىشىدىن تەشكىل تاپقان.

مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «تەتقىقات-ئۆگىنىش» پائالىيەت مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي ۋە چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆزئارا ئۆگىنىش پىروگراممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللىنىشىدىن كېيىنكى ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭدەك بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە، بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پۇختا تەدبىرىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات ئويۇنىنىڭ نىشانلىق ئوبيېكتىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىدەك بۇ خىل ھادىسىلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاي سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دوستانە دۆلەتلەردىكى چەت ئەللىكلەرگە، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ھەققىدە ئاتالمىش «ياخشى ھېكايە» سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىن، خىتاي سىياسىتىگە مايىل بولۇشىنى كۈچەيتىش ئىكەن. ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 «شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپدارى بولۇشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە ئۆز دۆلەتلىرىدە مۇھىم ۋە ياخشى ئورۇنلارغا ئۆتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە بۇ چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەت، ئۆگىنىش، ئىقتىسادىي پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز ئىدېئولوگىيەسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھېكايىلەرنى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېغىزى بىلەن تەشۋىق قىلىش ئىستراتېگىيەسى مېنىڭچە، بۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاشقۇن سىياسەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى نامايان قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئادەتتە ئۆزى تەشۋىق قىلغانغا قارىغاندا باشقىلار ئارقىلىق سۆزلىتىشنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.»

ۋاھالەنكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئەۋزەل ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات پىلانىنىڭ بىر پارچىسى قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا ئىدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ قوللىنىۋاتقان سىياسىي تەشۋىق تاكتىكىلىرىنىڭ ئىچىدە دىققەت تارتىدىغىنى شۇكى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا يازغان ئاتالمىش «جاۋاب خەتلىرى» دۇر. ھالبۇكى، خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئالغىنىدەك پەقەت بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانىدى.

دەرۋەقە 2023-يىلى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا شى جىنپىڭ خېتىدە، «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسى» دە ئاكتىپ رول ئوينىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچى» نى ئىشقا سېلىش، يەنى «يۇمشاق كۈچ» تاكتىكىسى ئارقىلىق ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىدە خىتايغا چوقۇنىدىغان، خىتاينى چوڭ بىلىدىغان كەيپىياتقا ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ قۇدرىتىنى تۇرغۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي ئادىتى ۋە خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە «تەربىيەلەش» نىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا يەنە رايونغا كېلىپ، بۇ يەردىكى شەھەر، تاغ-دەريا ۋە يېزا-كەنتلەرنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، بۇ جەلپكار زېمىنغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى داۋراڭ سېلىنغان.

 «شى جىنپىڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» ناملىق كىتابنى يازغان، ئامېرىكادىكى خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياش ئوقۇغۇچىلارنى خىتايدا ئوقۇشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىدۇ. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ياش ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى دۆلەت ئىچىدىكىلەرگە ۋە دۇنيادىكى ھەقىقەتنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە، قايمۇقتۇرىدىغان ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى قىلىدۇ. چۈنكى ھەممىگە ئېنىقكى، خىتايدا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلار ئاساسەن خىتاي مەدەنىيىتىگە قىزىقىدۇ. ئۇلار بەلكىم خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قوللىشى ناتايىن، ئەمما ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭدىن ساقىت ئەمەس. شۇڭا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل پۇرسەتلەرنى ئىزدەپ، بىر تەرەپتىن رەھىمسىز بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇشى ماھىيەتتە، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقى قىرغىنچىلىق يوقلىغىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، دۇنيانى قايمۇقتۇرۇش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش چۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.