«خىتاينى ئوۋلىغۇچى بۈركۈت» -مايك گاللاگېر: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر! »

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
awam-palata-mike-gallagher.jpg «خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى»نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 28-فېۋرال، ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
AP

 ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 24-ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەھدىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى دوكلاتنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنى چاقىردى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلات تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. تەيۋەن بوغۇزىدا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتمۇ كومىتېت ئەزالىرى تەرىپىدىن بىردەك ماقۇللاندى.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەييارلانغان 13 بەتلىك دوكلاتقا قارىغاندا، مەزكۇر دوكلاتتا ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 24-مارت كۈنى ئۆتكۈزگەن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا توپلانغان ماتېرىياللار ئاساس قىلىنغان. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تەكلىپ-تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) يىغىن جەريانىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى پارتىيە بىرلىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرەيلى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەر قانداق جىنايەتتىن ئېغىر.»

دوكلاتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكىدەك ئالتە تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

بىرىنچى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش؛

ئىككىنچى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش؛ مەزكۇر ماددىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئاراغا تونۇتۇۋاتقان ئورگانلارغا قارىتا ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئۈچىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش؛

تۆتىنچى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق دەپ قارالغان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش؛

بەشىنچى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دا تەلەپ قىلىنغان جازالارنى كەسكىن ئىجرا قىلىش؛

ئالتىنچى، ئامېرىكا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈچىنچى دۆلەتتە خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغداش، شەرتكە توشىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق ۋە پاناھلىق سالاھىيىتى بېرىش.

مايك گاللاگېر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە تەيۋەن ھەققىدىكى تەكلىپ-تەۋسىيەلەر ماقۇللانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، كومىتېتتا ماقۇللانغان ئىككى دوكلاتنىڭ ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مايك گاللاگېر ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پەۋقۇلئاددە كومىتېتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى توغرىلىق رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئالىغا راجا كرىشنامورتى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش. 2023-يىلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلىشىمىزنىڭ ئۆزى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىزنىڭ بۇ دوكلات ئارقىلىق بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرىمىز شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى شۇنى چۈشىنىشى كېرەك: بىز ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى ئايرىم پالاتادا بولساقمۇ، ئەمما بىر ئاۋاز بىلەن شۇنى دەيمىزكى، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك! »

راجا كرىشنامورتى ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىگە ئۇلاپلا ئۇنىڭدىن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى سورىغىنمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سۇنغان تەۋسىيەلىرىمىزدە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان شەخسلەردىن باشقا يەنە شەخسىي ئورگانلارمۇ بار. بۈگۈن بۇ توغرىلىق چوڭقۇر پاراڭلاشمىدۇق. يەنى ئەڭ تۆۋەن چەك ئۆلچىمى بويىچە 800 دوللاردىن تۆۋەن باھالىق مەھسۇلاتلار چېگرادىن كېرىشكە يول قويۇلغان. بۇ مەھسۇلاتلار ئاساسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلاردۇر. بىز كۈنىگە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مۇشۇ خىل مەھسۇلاتتىن 2 مىليون بولاق تاپشۇرۇۋالىمىز. بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئاغدۇرۇشقا بىۋاسىتە ئۇرۇنۇش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) نى تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلىش، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئارىلىقىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە تەيۋەن ھەققىدىكى بۇ ئىككى دوكلاتنىڭ ماقۇللىنىشى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر رەئىسلىكىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىياسەت تەۋسىيەلىرىنى ماقۇللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مايك گاللاگېر ئامېرىكانىڭ ئىككى پارتىيە بىرلىكىدىكى كومىتېتقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىققان. «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى مايك گاللاگېر ئەپەندىگە «ۋاشىنگتوندىكى خىتاينى ئوۋلىغۇچى ئەڭ كۈچلۈك بۈركۈت» (The China Hawk) دەپ باھا بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.