دولقۇن ئەيسا: «9-دېكابىر ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى› نى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەش قارار قىلىندى! »

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.11.20
dolqun-eysa دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا
RFA/Erkin Tarim

18-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. ئېكران ئارقىلىق چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىكى ئەزالىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارمىقىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ 90 نەپەر كىشى ئىشتىراك قىلدى.

18-نويابىردا بېرلىن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1:00 دە باشلانغان يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» ۋە 10-دېكابىر «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن ئىدى. مەزكۇر سوتنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغان 9-دېكابىر كۈنى د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا بۇ كۈننى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

بۇ يىلقى 9-دېكابىر كۈنى يېقىنلاپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىن چاقىرىپ، بۇ كۈننى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە خاتىرىلەشنى چاقىرىق قىلدى. مەزكۇر چاقىرىق توغرىسىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە بەزى تەشكىلات مەسئۇللىرى 9-دېكابىردا نيۇ-يوركقا بېرىپ بىر ھەپتە پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز. 11-نويابىر كۈنى بىز ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان مەشھۇر ‹دەۋر› مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 15 سېكۇنتلۇق ۋىدىيونى ئېلان قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدۇق. بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئوخشاش شەكىلدە 9-دېكابىردا ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى› توغرىلىق ۋىدىيو ئىشلەپ، نيۇ-يورك شەھرىدىكى ‹دەۋر› مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندا ئېلان قىلىمىز، تەييارلىق خىزمەتلىرىمىز پۈتۈپ قالدى. »

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 9-ۋە 10-دېكابىر كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پارلامېنتلىرىدا ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› بار دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز ئۇلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بايانات بەرگۈزۈڭلار. ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە، ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بار پارلامېنتلارنىڭ 9-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بولمىسىمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنى سۆزلىتىپ قىسقا ۋىدىيو ئىشلەپ تارقىتىمىز. مەلۇم بولغىنىدەك 10-دېكابىر ‹دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى› . بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇڭلار. »

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 9-10-دېكابىر كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىنگلىز، تۈرك، ئەرەب، خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ئارقىدىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلىپ، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» چىقارغان قارارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى يەتكۈزگەندىن سىرت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيىتى بولغان 9-دېكابىردىكى پائالىيەتنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پىلان تۈزۈلگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەتىنىڭ 27-نويابىر كۈنىدىن 1-دېكابىرگىچە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىساد» قاتارلىق يىغىنلارغا قاتنىشىشى ھەققىدە قارار ئېلىندى. يىغىندا 9-ۋە 10-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا 21-نويابىرغىچە پۈتۈن دۇنيادىكى تەشكىلاتلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاپ، پائالىيەت پىلانىنى د ئۇ ق نىڭ مەركىزىگە بىلدۈرۈشى قارار قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.