نۇرى تۈركەل: «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ مۇھىم»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.05.30
nuri-turkel-huds ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيە، سىياسەت ۋە پىلان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) خۇدسون ئىنستىتۇتىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى دۇچ كەلگەن نازارەت ۋە سودىدىكى ئىناۋەت مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. 2023-يىلى 17-مارت، ۋاشىنگتون.
hudson.org

 خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ 6 يىل ئۆتكەندە، بۇ جىنايەتنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىشى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق سىياسىي ھادىسىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ پاجىئە ئۇيغۇرلارنىڭ يەر يۈزىدىن يوقىلىشى بىلەن ئاياغلىشامدۇ؟ كوممۇنىست خىتاينىڭ رەزىل پىلانىنى، دۇنيا مىقياسىغا سوزۇلغان قارا قولىنى، ھىيلە-مىكىرگە تولغان تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىنى كۆرىدىغان كۆز، توسىدىغان قول، ماڭىدىغان يول يوقمۇ؟ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۈگۈن تەھدىتكە ئايلانغان خىتاينى، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى چەيلەۋاتقان خىتاينى، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋاتقان خىتاينى، رەزىل كۈچلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، مۇستەبىتلىك، زومىگەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە جاھانگىرلىك يولىغا مېڭىۋاتقان خىتاينى قانداق توختىتىشى كېرەك؟

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇش ئىنستىتۇتى ژۇرنىلى «كاتالىست» تا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق ماقالىسىدە دەل شۇ نۇقتىلارنى يورۇتقان بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىغا كۈچلۈك خىتاب قىلغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ماقالىسىدە «يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىنى ئاساس قىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە يۈز بەرگەن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا چوڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پەرقلىنىدىغان يېرى، خىتاينىڭ ھازىرقى زاماندىكى يۇقىرى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ جىنايەتنى مەخپىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدۇر» دېدى.

 «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىر چەتتە قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن پىكىر باشتىلا ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ماقالىدە، خىتاينىڭ ئالتە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمى، دۇنياغا تېخى ئاشكارا بولمىغان لاگېر جىنايەتلىرى، ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىغا، ئاياللارنىڭ ئىپپىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم، بالىلارنى يىغىۋېلىپ خىتايلاشتۇرۇش، ياشلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قاتمۇ قات جىنايەتلەرنى توختىتىشقا، خىتاينى ھەقىقىي چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا خەلقئارا سەپەرۋەرلىكنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە قىلغانلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
Nury Turkel

نۇرى تۈركەل ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى ئىقتىساد ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ۋىجدانىي ھەم قانۇنىي مەجبۇرىيەت. ھازىر تېخى ئاران ئون دۆلەت بۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى. ھەر قانداق دۆلەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايدەك بىر ھاكىمىيەتكە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ گېپىنى قىلماي تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ» .

ماقالىدىكى بايانلارغا كۆرە، خىتاي ئەسلىدە ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىن ئوغرىلىغان تېخنىكىسى بىلەن غەرب ئەللىرىدىن ئۈستۈن كېلىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، غەربنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى دەپسەندە قىلماقتا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنلىق يۈرگۈزمەكتە.

ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك دۆلەت، ئەمما ئامېرىكا ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ بىخۇد يۈرمەسلىكى، خىتاينى سەل چاغلىماسلىقى، خىتاينىڭ شۇم نىيەت، رەزىل پىلانلىرىنى، ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى بىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكاغا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر سىگنال. ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قۇل ئەمگىكى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەشەددىي مىللەتچىلىك غەرىزىنى ئاشكارىلاۋاتقانلىقىنىڭ، مۇستەبىتلىك ۋە جىنايەتنى نورمال كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ، ھەتتا ئۇنى باشقا دۇنياغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر باشلىنىشى، دۇنيا بۇنىڭدىن چۆچۈشى ۋە سەگەك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» تۇزاقلىرى ۋە ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق بۇنى باشقا ئۇسۇلدا دۇنياغا چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئىشەندۈرۈۋاتىدۇ.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «گەرچە خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تېخىچە ھېساب ئېلىنمىدى. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىپ يەتتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ھېلىھەم ئاستا ۋە تۆۋەن بولماقتا» .

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ماقالىسىدە «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ مۇھىم» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «پەقەت ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سېلىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىكنى دەپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» .

 «كاتالىست» ژۇرنىلى سابىق پرېزىدېنت جورج بۇش تەسىس قىلغان تور نەشرىياتى بولۇپ، «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى تەرغىب قىلىش ئامېرىكانىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوغدىغانلىق» دېگەن ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىدىكەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق پرېزىدېنت بۇش ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ بۇرۇن تىلغا ئالغان پرېزىدېنتلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بۇ تور نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدە ماقالە بېرىشىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار ئىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.