ب د ت نىڭ «ئىسلام ۋەھىمىسى» مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغىدى
2023.03.16
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2022-يىلى مەخسۇس قارار ئېلىپ ھەر يىلى 15-مارت كۈنىنىڭ «خەلقئارا ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارشى كۈرەش كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇلار بۇ كۈننى تاللاشتا 2019-يىلى 15-مارت كۈنى «ئاقلار ئۈستۈنلۈكى» نەزەرىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان برېنتون تاررانت (Brenton Tarrant) نىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرايىستچۇرچ (Christchurch) شەھىرىدىكى ئىككى مەسچىتتە جۈمە نامىزىغا توپلانغان مۇسۇلمانلاردىن 51 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى، 40 كىشىنى ئېغىر يارىدار قىلىشىدەك تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلغانىدى.
2023-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارشى كۈرەش كۈنى» نى خاتىرىلەش مەجلىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە پائالىيىتى 10-مارت كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مەجلىسىنىڭ رەئىسى، پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى (Bilawal Bhutto Zardari) ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەسلىك، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى بىلەن ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنى پەرقلەندۈرمەسلىك ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىسلام ھەققىدىكى تۈرلۈك ئەندىشىلەر ۋە ۋەھىمىلەر، شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان پاجىئەلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تىنچلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ئىسلام دىنى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقىلارنى كەمسىتىش، زوراۋانلىق ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ سەۋەبىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. نەتىجىدە ئىسلام دىنىنى تېررورلۇق بىلەن باغلاپ چۈشىنىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپ پاجىئەلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئەمما بۇ خىل ئېغىر ئاقىۋەتلەر ئىزچىل دۇنيانىڭ دىققىتىدىن مۇستەسنا بولۇپ كەلگەن.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېرېس (António Guterres) مۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ ھازىر ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى تېرىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، «ئىسلام» سۆزىنىڭ مەنبەسى «تىنچلىق» مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەقتىكى زىيادە ۋەھىمە سەۋەبىدىن بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەرنىڭ چەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ خىل سەلبىي يۈزلىنىشكە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ «قۇرئان كەرىم» نىڭ «تەۋبە» سۈرىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «يېقىنقى يىللاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ۋە پاناھلىققا ئېھتىياجلىق بولغان مۇساپىرلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشىكىنى ئاچقانلار ئىسلام ئەللىرى بولدى، ھالبۇكى ئىككى مىليارد مۇسۇلمان ھازىر بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قورقۇنچ ۋە ۋەھىمىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلغان ۋەكىللەرنىڭ بىرى خىتاي ۋەكىلى بولدى. خىتاي ۋەكىل نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىسلام ۋەھىمىسىنى تۈگىتىش ساھەسىدە ئاكتىپ ئىش كۆرۈپ، ئىسلام دۇنياسى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەرقاچان «ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت ياكى خەلق باشقا بىر مەدەنىيەت ياكى خەلقتىن ئۈستۈن» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل باشقا مەدەنىيەت ۋە خەلقلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ھالبۇكى خىتاي ۋەكىل تىلغا ئالمىغان ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت، مىللىي كىملىك ۋە ئىسلام دىنى كىملىكىنى ۋەيران قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا گرېنفېيلد (Linda Thomas-Greenfield) خانىمنىڭ ئېغزىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ خەتىرى ۋە زىيانلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىك سەۋەبىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدەك «خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قەبىھلىكلەرنى ئەيىببلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارغا قامالغانلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشى لازىم» دەپ كۆرسەتتى.
ئەمما سۆز نۆۋىتى ئۆزىگە كەلمىگەن بولسىمۇ خىتاي ۋەكىللىرى دەرھال بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار سۆزىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى دېگەنلەر پۈتۈنلەي ئامېرىكا توقۇپ چىققان ئاساسسىز ئەيىبلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قىرغىنچىلىق قىلغانلار ھەققىدە سۆز قىلىش توغرا كەلسە ئامېرىكا ئۆز ۋاقتىدا ئىندىيانلارنى قىرىپ تاشلىغان، شۇنىڭدەك سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىگە قارا چاپلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مۇقامنى توۋلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرى كۆچۈپ كەلگەن جايلاردىكى يەرلىك ئاھالىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى دەستەك قىلىپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ غەرب دۇنياسى ئورتاق ھالدا «تارىختىكى بىر قېتىملىق زور خاتالىقىمىز» دەپ تەن ئالغان بۇ ئىشلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە دەستەك قىلىشى ئىزچىل ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ خىلدىكى مەنتىقىنىڭ ھېچقانداق لوگىكىلىق ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت سىياسىي ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يىللىرى «ئىسلام ۋەھىمىسى» توغرىسىدا خاتىرە كۈن بېكىتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا خىتاي بىرىنچى بولۇپ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان ھەمدە مۇشۇنداق بىر خاتىرە كۈننى بېكىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شۇ ۋاقىتتا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا جەڭ ئېلان قىلغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق بىر تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشى قارا يۇمۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكتە قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسىنى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «ئىسلام ۋەھىمىسى» ساھەسىدە ئۈلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى پەش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى «سىياسىي ئويۇنلىرى» دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ، دەپ قارالماقتا.