ئامېرىكادىكى دىنىي تەشكىلاتلار: «ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا كۆز يۇمدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.11
islam-dolet-uyghur-ziyaret-2.jpeg «دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى» (The World Muslim Communities Council) نىڭ 30 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى يانۋار، ئۈرۈمچى.
CGTN

بۇ يىل 9-يانۋاردىن باشلاپ 14 دۆلەتنىڭ 30 دىن ئارتۇق ئىسلام ئ‍ۆلىماسى ۋە ئەدىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ماختىشى، بولۇپمۇ ئۆمەك باشلىقى ئالى راشاد ئەل نۇئامىنىڭ باياناتى، چەت ئەللدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكادىكى «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى»، «ھەممىگە ئادالەت» قاتارلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئالى راشاد ئەل نۇئامىنىڭ سۆزى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى «رېئاللىقىنى بۇرمىلاش» ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، سۈرىيە، بەھرەيىن، تۇنىس، بوسنىيە، جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ 30 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆلىماسى ۋە ئەدىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان زىيارەت ئۆمىكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن زىچ باغلىنىشى بولغان «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئالى راشاد ئەل نۇئامىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئ‍ۈرۈمچى، تۇرپان، ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان.

زىيارەتتە مەزكۇر ئۆمەك ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگەن، ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك چوڭ بازىرى، خىتاينىڭ تېرورلىققا قارشى تۇرۇش مۇزېيى، ئ‍التايدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىكى مەسچىتلەرنى كەڭ كۆلەملىك چېقىشتا چەت ئەل تەشۋىقاتى ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنغان سىمۋۇل خاراكتېرلىك مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغان.

زىيارەت داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مەزكۇر ئۆمىكتىكىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانى» نى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

لېكىن بۇ زىيارەتنىڭ ھەممىدىن بەك دىققات قوزغىغان نۇقتىسى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئالى راشاد ئەل نۇئامىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە قىلغان سۆزى بولغان. «دۇنيا ئىسلام جامائەتلىرى كېڭىشى» تەشكىلاتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەل نۇئامى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدا تېرورلىققا قارشى تۇرۇش پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز»، شۇنداقلا يەنە «بىز شىنجاڭدا كۆڭۈل بۆلۈش سەۋىيەسى، خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە خىزمەت قىلىشتىكى قەتئىي نىيىتىنىڭ كونكىرېتلاشقانلىقىنى بايقىدۇق» دېگەن. لېكىن «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» رادىيومىزدا ئەل نۇئامىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزى «كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقى» ۋە «رېئاللىقنى بۇرمىلىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

«ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتورى روبېرت مىككاۋ 10-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «ئۇنىڭ باياناتى كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا رېئاللىق بۇرمىلانغان. بۇ ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ‹پوتامكېن يېزىسى› شەكلىدىكى تەشۋىقات زىيارىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا بۇرمىلانغان قاراشلاردا بولغان. بىز بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزچىل نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى، تۈرمە-لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، جىسمانىي ۋە جىنسىي خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ باياناتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاۋاتقان رېئاللىققا ماس كەلمەيدۇ.»

روبېرت مىككاۋنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋەكىللىرى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، دۆلەتنىڭ تەشۋىقات خاراكتېرلىك زىيارەتلىرىگە قاتناسماسلىقى، ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان ئىزتىراپنىڭ رېئاللىقىنى كۆرۈشى كېرەك ئىكەن.

روبېرت مىككاۋ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىگە ئ‍وخشاش گۇرۇپپا ۋە تەشكىلاتلار بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتتى. بۇ ئاكتىپ داۋام قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە جىسمانىي يوقىتىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت ئورۇنلىرىنى ۋە تارىخىي ئىزلىرىنى دەپسەندە قىلىش ھەم يوقىتىش ھەرىكىتىدۇر. شۇڭا بۇ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ باياناتى رېائ‍للىققا ماس كەلمەيدۇ. ‹ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى› مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنى خىتايغا بارغاندا، دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ كونتروللىقىدا بارماسلىققا، دۆلەتنىڭ تەشۋىقات زىيارەتلىرىگە قاتناشماسلىققا ۋە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى كۆرۈشكە چاقىرىدۇ».

14 دۆلەت مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن بېرى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ رايوندا ئومۇميۈزلۈك قامالنى يولغا قويغان، شۇنداقلا ئ‍ۆتكەن يىلى 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقنىڭ بېسىمىدا 7-دېكابىر كۈنى قامالنى بىراقلا بىكار قىلغاندىن بۇيان رايوندا زىيارەتتە بولغان تۇنجى چەت ئەل ئۆمىكىدۇر. بۇ زىيارەتنىڭ خىتايدا كوۋىد-19 ۋىرۇسى كەڭ كۆلەملىك پارتلىغان ئەنسىز بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى «ھەممىگە ئادالەت» ناملىق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى يېپىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

«ھەممىگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد 11-يانۋار زىيارىتىمىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر ۋە خىتايدىكى كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان باشقا ئېتنىك مىللەتلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدا مۇسۇلمان دۇنياسىنى قايمۇقتۇرۇش خىتاينىڭ بىر ۋەزىپىسى. مەن ئ‍ۆزۈم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر شاھىتى. مەن ئ‍ۆزۈممۇ نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى ئايرىشتا قىينىلىمەن. خىتاينىڭ بۇ خىل زىيارەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللىشىدىكى مەقسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلىق، رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككا قارشى تۇرۇش نامىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى يېپىشتۇر.»

ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىدنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان بۇ دىنىي زاتلار ھەقىقەتەن سەمىمىي بولسا، ئەمدى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەك ئىكەن.

ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ تاراتقۇلىرىدا 30 دەك ئىسلام ئۆلىماسىنىڭ زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6-7 كىشىدىن باشقىلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ تاپالمىدىم. بەلكىم ئۇلار دىنىي ئۆلىما ئەمەس، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ زىيارەتتە بولغان كىشىلەرگە بېرىدىغان تەۋسىيەم شۇ، بىرىنچى، ئەمدى بۇ كىشىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزارلىرىغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىشتۇر. ئىككىنچىسى، مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە جايلاشقان ‹دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى›نى ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان ئىماملىرى بىلەن دىئالوگ قۇرۇشقا چاقىرىمەن. ئامېرىكادىكى 300 ئىمام ۋە دىنىي ئەدىپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بەلكىم، بۇ دىئالوگ ئارقىلىق، خىتاينىڭ دېگەنلىرى ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ھەقىقەت ئۇلارنىڭ كۆزىدە يوشۇرۇنغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشى مۇمكىن.»

لېكىن ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ رايوننى زىيارەت قىلغان مۇسۇلمان ئۆلىما ۋە ئەدىبلەر ياكى بەك گول بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى ئۇلارنىڭ دۇرۇستلۇقىغا سۇئال قويۇلۇشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدىكى ئەقىللار ئامبارلىرىدىن «كاتو ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول 10-تانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت ئىسلام دۇنياسى نۇقتىسىن يۈز قىزارتىدىغان ۋەقە. ئۇ يەرگە بارغان ئالىم-دىنىي زاتلار شۇنى ئويلىشى كېرەك، يەنى ‹خىتاي بىزنى چاقىرىپ، زىيارەت قىلدۇردى. ئەلۋەتتە، بۇ بىر ئويۇن، تەشۋىقات ئۈچۈن چاقىردى› دېيىشى، بۇنىڭغا ئىشەنگۈدەك دەرىجىدە گول بولماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتە تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ‹خىتاي بىزنى چاقىردى، لېكىن ئىشەنمەيمىز› دېگەندەك گەپ قىلدى. بۇ تۈركىيەنىڭ بىر ئاز ئويغىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى… بىراق يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئالىم-دىنىي زاتلاردىن كىم بولسا بولسۇن، ئۇ يەرگە بارغانلار ياكى بەك گول ۋە ياكى ئۇلارنىڭ دۇرۇستلۇقىغا بىر ئاز سۇئال قويۇلۇشى كېرەك.»

مۇستافا ئاقيولنىڭ قەيت قىلىشىچە، مۇسۇلمان دۇنياسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە ئۇنى كۆرمەسكە سېلىشتەك «ئەخلاقىي جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر پوزىتسىيەدە» ئىكەن.

مۇستافا ئاقيول مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلار خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەت ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سالغان ئېغىر زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆرمەسكە سالماقتا. خىتاي ‹ئۇنداق ئىش يوق› دېسە، شۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالىماقتا. خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى تۇتۇش ئۇلارنىڭ ئىشىغا كەلمەكتە». ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار، دۇنيادا ئەسكىلىكنى پەقەت غەربلا قىلىدۇ، دېگەن ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمىلىك ئىچىدە بولۇپ، رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغانلىرىنى بىلسىمۇ، پەقەت پەلەستىن مەسىلىسىنىلا مەسىلە، دەپ قارىماقتا ئىكەن.»

مۇستافا ئاقيول مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلە مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى سۆزلەشنىڭ بىر بەدىلى يوق. لېكىن خىتاينىڭ زۇلۇمىنى سۆزلەش، ھەتتا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا گۇمان قىلىشنىڭ بىر بەدىلى بار. چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى كۈچلۈك. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىشنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئەخلاقىي جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر پوزىتسىيەدە.»

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى راشاد ئەل نۇئامى ما شىڭرۈي بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئاتالمىش تېرورلىق ۋە ئاشقۇنلىققا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنى ماختاپ: «مېنىڭچە، بىزنىڭ بۈگۈن كۆرگەنلىرىمىز ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەكىس ئەتتۈردى… رايوننى زىيارەت قىلىدىغانلار كېلىپ بۇلارنى كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ تارىخىنىڭ بىر قىسمى. تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىزتىراپىنى خىتايلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيامۇ چەكتى» دېگەن.

لېكىن «ھەممىگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىدنىڭ قارىشىچە، تېرورلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خىتاي ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۈچۈن «چوڭ ۋاسىتە» گە ئايلىنىپ قالغان. ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد: «ئەپسۇسكى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۈچۈن ‹چوڭ ۋاسىتە›گە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئامېرىكادىن باشلانغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بۇنى خىتاي، بېرما، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ھىندىستان ھۆكۈمىتى تېرورلۇق، رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بارماقتا. مېنىڭچە، دۇنيانىڭ شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى بەك مۇھىم، ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت، دىنىي ئېتىقاد، كىشىلىك ھوقۇقىغا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا خىلاپلىق قىلىنماسلىقى كېرەك» دېدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالى راشىد ئەل نۇئامى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد بېچارىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسى ھازىرغا قەدەر خېتىمىزگە جاۋاپ بەرمىدى. لېكىن «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ زىيارەت ھەققىدىكى ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، ئەل نۇئامى ئۈرۈمچىدە خىتاي دائىرىلىرىغا «ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تارىخىي، شۇنداقلا دوستلۇق، ھەمكارلىق ئىتتىپاقداشلىق بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە: «بىز دۇنياغا شۇنى ئېنىق ئېيتىشىمىز، ئېتنىك، دىنىي ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ئۆز ئارا توقۇنۇشنى ئەمەس، بىر-بىرىنى تولۇقلىشى كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.