ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.10.22
ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىشى خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق، دەپ قارالماقتا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان سولدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2019-يىلى 22-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 16-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي بولسا بۇ ئۆمەكنى كۈتۈۋالغاندا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن.

دەرۋەقە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى يولغا قويغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپ قېتىم ساياھەتكە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ كەلگەنىدى.

بۇ نۆۋەتلىك ئۆمەككە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش سېكرېتارىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچىسى يوسېف ئەلدوباي (Yousef AlDobeay) يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ ئۆمەك، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى (IPHRC) نىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 32 كىشىدىن تەركىب تاپقان. ئۆمەك 14-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېڭ لى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقان.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ۋە ئۇنىڭ چەت ئەللەرگە قارىتىلغان ئىنگلىزچە خەۋەر تورلىرىدا كۆپلەپ تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدىكى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن قاتتىق ھەيران بولغانلىقى ۋە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى مەدھىيەلىگەنلىكى» بايان قىلىنغان.

lager-xitay-teshwiqati-shi-jinping-graphic.jpeg

بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن، ئۇلار بۇ زىيارەتكە چىقىشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن مەلۇمات ئالغان-ئالمىغانلىقى، چەت ئەللەردىكى مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدا دېيىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تەشۋىقاتى ئارىسىدىكى پەرقنى ئايرىش ئۈچۈن قانداق تەدبىر قوللانغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆپ قېتىم رايونغا بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانداق كونكرېت پىلانلىرى بارلىقىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن، مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ھەم تېلېفون ھەم ئېلخەت يوللىرى ئارقىلىق ئالاقە قىلغان بولساقمۇ بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

لېكىن، ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمى مۇدىرى ۋاڭ ياچىيۇنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى باشقا بىرقىسىم دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىسلامفوبىيە (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش) ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇيەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان بولسىمۇ، بىراق خىتايغا كەلگەندە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان. ۋاڭ ياچيۇ خانىم ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:

«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بارلىق ئەزا دۆلەتلەر ‹ئەزا بولمىغان› دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان جامائىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغدىشى كېرەك، دېيىلگەن. ئۇلار بىر قىسىم دۆلەتلەردە شۇنداق قىلدى. ئەمما خىتايغا كەلگەندە ئۇلار ھوقۇقنى قوغداش ئەمەس، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى ئاقلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بەردى. بۇ تولىمۇ نومۇسسىزلىق.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان يەرشارى ۋاقتى گېزىتى، «CGTN» ۋە تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي بۇ ئۆمەكنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى. بۇ، ماھىيەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز تارتىۋالغانلىق، بۇنىڭ ئارقىسىغا ‹شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى چەكلەش› تىن ئىبارەت سىياسىي سۇيىقەست يوشۇرۇنغان.»

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۇينىڭ سۆزىدىن كېيىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن مالىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دىئال ۋە شۇنداقلا يەنە قىرغىزىستان، بۇركىنا فاسو، پەلەستىن، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئىلگىرى كېيىن سۆز قىلىپ: «بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ قېتىم شىنجاڭدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمىز بەزى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ياۋىداق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمىز» دېگەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ ۋەكىللەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۆرۈشىنى مەدھىيەلەپ، «تېررورلۇق پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپتۇ. بۇ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتنى پايدىلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، دوكتور سوفى رىچاردسوننىڭ دېيىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى بۇ پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە ئېغىر زىيان بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان دەھشەتلىك زىيانكەشلىكلىرىنى ئەيىبلەشتىن ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى تارتىشى ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياۋى قوغدىغۇچىسى بولۇش ئارزۇسىغا ۋە بۇ ئورگاننىڭ ئىناۋىتىگە زور زىيان بېرىدۇ. بۇ ئورگانغا بولغان ئىشەنچنى يوقىتىدۇ.»

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولسا ئۆز تور بېتىدە بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايغا قىلغان زىيارىتى ھەققىدە قىسقىچە بىر خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:

«ئۇچرىشىشتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىكى ئىجابىي ئىلگىرىلەش، شۇنداقلا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ھەر ئىككى تەرەپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي سۆھبەتنى قەدىرلەپ، مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ خىتايدىكى ئورنى قاتارلىق ھەر خىل ئورتاق مەنپەئەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى».

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆمەكنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشى ھەققىدە يۇقىرىقىدىكى خەۋەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ 16-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىگە دائىر بىر نەرسە دېمىگەن. خەۋەر «ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە تيەنجىن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە پاراۋانلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشىدۇ» دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.